UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىموللىئېر

موللىئېر

دۇنيا ئەدەبىياتى 1673 - يىل2 - ئاينىڭ17 - كۈنى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى خانلىق تىياتىرخانىسىدا «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» دېگەن يېڭى ئەسەر قويۇلۇۋاتاتتى، تىياتىرخانا بوش ئورۇن قالماي مىسلىسىز تەنتەنىگە چۆمۈلگەنىدى. باش رولدا ئوينايدىغان بىر ئارتىس گەرچە ئېغىر ئۆپكە كېسىلى بولسىمۇ، خوتۇنى بىلەن ئىشداشلىرىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي، كېسەل ھالەتتە سەھنىگە چىقتى ۋە رولنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىدى، تاماشىبىنلار توختىماي قىزغىن چاۋاك چېلىپ تۇردى. لېكىن،4 - پەردىگە كەلگەندە، ئۇ تۇيۇقسىز قان قۇسۇپ يىقىلىپ چۈشتى. تۆت سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭ نەپىسى توختىدى. كېيىن، فرانسىيە ئۆلىمالار مەھكىمىسى مەھكىمىنىڭ چوڭ زالىغا ئالاھىدە ئۇنىڭ تاش ھەيكىلىنى ئورناتتى، ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىگە ھېچ نەرسە كەم ئەمەس، بىزنىڭ شان - شەرىپىمىز ئۈچۈن ئۇ كەم بولۇپ قالدى» دەپ بېغىشلىما يېزىلدى. كېسەل تۇرۇپ سەھنىگە چىققان بۇ ئارتىس دەل فرانسىيىنىڭ17 - ئەسىردىكى كلاسسىزملىق كومېدىيە يازغۇچىسى، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» دېگەن سەھنە ئەسىرىنىڭ ئاپتورى، قوشۇمچە رېژىسسورى موللىئېر (1622 −1673 - يىللار) ئىدى. موللىئېر ئۆمرىدە30 سەھنە ئەسىرى يازغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ساختىپەز»، «دون خۇئان» ۋە «بېخىل». «ساختىپەز» دە تەنقىدنىڭ تىغى ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىگە، بولۇپمۇ ئەكسىيەتچى دىنىي جەمئىيەت كۈچلىرىگە قارىتىلغان. ئەسەردىكى كازتيۇف ساختا تەقۋادارلىق بىلەن باي سودىگەر ئارگوننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالىدۇ، ئارگون ئامراق قىزىنى تارتيۇفقا بەرمەكچى بولىدۇ. لېكىن، تارتيۇف ئارگوننىڭ كېيىن ئالغان ياش خوتۇنىغا ئېرىشمەكچى بولىدۇ، قەستى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، يەنە ئارگونغا سىياسىي زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدۇ. ئەسەردە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ساختىلىقى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئاچچىق مەسخىرە قىلىنىدۇ. «دون خۇئان» نىڭ باش قەھرىمانى دون خۇئان كۆرۈنۈشتە سىپايە، ئەركىن، يەنە «ئەركىنلىك ئىدىيىسى» گە ئىگە، ئەمەلىيەتتە قىلماس ئەسكىلىكى يوق، «دۇنيادا ئوخشىشى تېپىلمايدىغان ئەڭ چوڭ مۇتتەھەم». ئەسەردە دون خۇئاننى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئەينى چاغدىكى ئاقسۆڭەكلەر چوڭقۇر پاش قىلىنغان ۋە تەنقىد قىلىنغان. «بېخىل» دا مەسخىرىنىڭ تىغ ئۇچى بۇرژۇئازىيە جازانىخورلىرىغا قارىتىلغان. ئاباگوننىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقى پۇل توپلاش ئىدى. بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇ قىزىنى يېشى ئەللىكتىن ئاشقان قېرىغا ياتلىق قىلماقچى بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا قىزىغا قىز مېلى بەرمەيتتى؛ يەنە ئوغلىغا بىر باي تۇل خوتۇننى ئېلىپ بەرمەكچى بولىدۇ؛ ئۆزى بولسا بىر تىيىنمۇ خەجلىمەي ياش، چىرايلىق قىزنى ئالماقچى بولىدۇ. ئاباگوننىڭ بەدىنىدىكى ھەربىر كىلىتكىسىغىچە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن. ئاپتور بۇ بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاچ كۆز، پىخسىق سىنىپىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن.1669 - يىلىدىن كېيىن، موللىئېرنىڭ سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتى ئىدىيىۋى مەزمۇن جەھەتتە تەنقىد قىلىش، پاش قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن بەدىئىيلىك جەھەتتە خەلق ئىچىدىكى قىزىقچىلىقلاردىن پايدىلىنىش ئەنئەنىسىنى قايتىدىن قوللانغان. «ئاقسۆڭەكلىككە قىزىققان كىچىك شەھەر پۇقراسى»، «سىكاربىننىڭ ھىيلىسى» قاتارلىقلار شۇنداق ئەسەرلەر.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى