UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىئاتا - بالا يازغۇچى چوڭ ديۇما ۋە كىچىك ديۇما

ئاتا - بالا يازغۇچى چوڭ ديۇما ۋە كىچىك ديۇما

دۇنيا ئەدەبىياتى فرانسىيە يازغۇچىسى كىچىك ديۇما(1824 −1895 - يىللار) يازغان «نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا» ناملىق سەھنە ئەسىرىنىڭ خاتىمىسىدە ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلىك مۇنداق ئىككى ئېغىز دىئالوگ بار: ئاتا: بىز ئىككىمىز ئايرىم بىللە قالغان چېغىمىزدا سەن چوقۇم مېنىڭ سېنى «ئوغلۇم» دەپ چاقىرىشىمغا يول قويىسەن. ئوغۇل: شۇنداق، تاغا! لېكىن، سەھنە ئەسىرى قويۇلىدىغان چاغدا، تىياتىرخانا خوجايىنى بۇ ئىككى ئېغىز دىئالوگنى چىقىرىۋېتىپ، ئاتا - بالا قىزغىن قۇچاقلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. كىچىك ديۇما بۇنىڭغا ئۇنىماي، »مەن مۇشۇ ئىككى ئېغىز سۆز ئۈچۈنلا بۇ سەھنە ئەسىرىنى يازغان« دېگەن. چۈنكى، سەھنە ئەسىرىنىڭ ھېكايىسىگە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى سىڭدۈرۈلگەنىدى. چوڭ ديۇما ياش - ئۆسمۈر ۋاقتىدىلا بوربۇن خانىدانلىقىغا ئۆچ بولۇپ،1830 - يىلىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابى كۈرىشىگە قاتناشقان. ئاتا - ئانىسى بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئائىلىسى نامرات ئىدى،14 يېشىدىلا ئوقۇشتىن ئايرىلىپ، خىزمەتچى بولغان. ئۇ ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ شېكېسپېرگە چوقۇناتتى. ئۇنىڭ ئەدەبىيات ھاياتى دراما ئىجادىيىتىدىن باشلانغان. «ھېنرى Ⅲ ۋە ئۇنىڭ ئوردىسى» سەھنىدە قويۇلغاندا، فرانسىيە ئەدەبىيات ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان. لېكىن، «مېتاللۇرگىيىشۇناس» قويۇلغاندا مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رومان ئىجادىيىتىگە يۈزلەنگەن. «ئۈچ چەۋەنداز» ۋە «گراف مونتى كرىستو» (يەنە بىر نامى«قىساس خاتىرىسى») ئىدىيە ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. بولۇپمۇ ئۇلاردىكى ئاجايىپ ئەگرى - توقايلىققا تولغان ھېكايە ۋە قويۇق رىۋايەت پۇرىقى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلدى. «ئۈچ چەۋەنداز» دە ئۈچ مەرگەننىڭ خانىشقا خىزمەت قىلىپ جاپا، خېيىمخەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ۋە ئەينى چاغدىكى ئوردا ئىچىدىكى بىر - بىرى بىلەن قورساق سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق رەزىل قىلمىشلار تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ زۇلمەتلىك ئىچكى پەردىسى تەلتۆكۈس ئېچىپ بېرىلگەن، ئۇ بىرقەدەر كۈچلۈك فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە. «گراف مونتى كرىستو» نىڭ باش قەھرىمانى دانتىس تۆھمەتكە ئۇچراپ زىندانغا تاشلىنىدۇ، تەلىيى كېلىپ زىنداندىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، زىنداندىشىنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسمىنى گراف مونتى كرىستو دەپ ئۆزگەرتىپ، پارىژغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىگە قەست قىلغان ئۈچ ئەبلەختىن قىساس ئالىدۇ. روماندا ئىيۇل خانىدانلىقىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ جىنايەتلىك بېيىش تارىخى پاش قىلىنىپ، تىرىلىش مەزگىلىدىكى فرانسىيىنىڭ ئەدلىيە قانۇن - تۈزۈمىنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئېچىپ تاشلانغان. كىچىك ديۇما چوڭ ديۇمانىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان ئوغلى، ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە ئاندىن چوڭ ديۇما ئوغلۇم دەپ ئېتىراپ قىلغان، لېكىن باشتىن - ئاخىرغىچە كىچىك ديۇمانىڭ ئاپىسىنى ئۆزىنىڭ خوتۇنى دەپ ئېتىراپ قىلمىغان. بۇنداق بىۋاسىتە كەچۈرمىش كىچىك ديۇمانىڭ يۈرىكىگە چوڭقۇر جاراھەت سالغان ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەخلاق مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ مەركىزىي مەزمۇنىغا سىڭدۈرگەن.1848 - يىلى كىچىك ديۇما «چۇغلۇق قىز» رومانىنى ئېلان قىلغاندا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، كېيىن ئۇ روماننى درامىغا ئۆزگەرتكەن. درامىنىڭ مەزمۇنى رومان بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پارىژدىكى داڭلىق پاھىشە مارگىرتنىڭ مۇھەببەت تراگېدىيىسى ئارقىلىق، فرانسىيىنىڭ يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنىڭ ھاياسىز ئەيش - ئىشرىتى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ شەپقەتسىز، شەخسىيەتچى، ساختىپەزلىكى پاش قىلىنىپ، ئاپتورنىڭ ھاقارەتلەنگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارغا ھېسداشلىقى ئىپادىلەنگەن، مارگىرتنىڭ مەينەتچىلىكتىمۇ بۇلغانمايدىغان پاك قەلبىگە مەدھىيە ئوقۇلغان. مارگىرت نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، ئەقىللىق، ئاق كۆڭۈل، لېكىن مۇھىتنىڭ قىستىشى بىلەن ناخشىچى پاھىشە بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ باي ئائىلىدىكى يىگىت ئامانىن بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، مۇھەببەتلىشىدۇ. ئامانىننىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قارشى چىقىدۇ، ئۇ ساختا ئەخلاق تەربىيىسى ئارقىلىق مارگىرتنى ئامانىندىن ئايرىلىپ كېتىشكە قىستايدۇ. مارگىرت نامراتلىق، كېسەللىك دەستىدىن، نەپرەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. دراما سەھنىدە قويۇلۇشى بىلەنلا، شۇئان پۈتكۈل پارىژنى زىلزىلىگە سالغان. كىچىك ديۇما شۇنىڭدىن باشلاپ، دراما ئىجادىيىتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ داڭلىقراق درامىلىرىدىن «پۇل مەسىلىسى»، «نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا»، «شاللاق ئاتا» لار بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئاياللار، نىكاھ، ئائىلە مەسىلىلىرى تېما قىلىنىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بىر تەرىپىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق، ھېسسىيات چىن، تەبىئىي، تىلى ئاممىباب، راۋان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
ئاتا - بالا يازغۇچى چوڭ ديۇما ۋە كىچىك ديۇما | UyghurWiki | UyghurWiki