تۈرگېنېف
دۇنيا ئەدەبىياتى
«ئارتۇقچە ئادەم» 19 - ئەسىردىكى روسىيە ئەدەبىياتىدىكى ئاقسۆڭەك زىيالىيلارنىڭ بىر خىل تىپى. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى: كېلىپ چىقىشى ئاقسۆڭەك، ئەۋزەل مۇھىتتا ياشىغان، ياخشى مەدەنىيەت تەربىيىسى ئالغان. ئۇلار ئالىيجاناب غايىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما خەلقتىن يىراق؛ رېئاللىقتىن نارازى بولسىمۇ، ئەمما ھەرىكىتى كەم، پەقەت ھەممىدىن بىزار بولۇپلا، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى بىكاردىن - بىكار زايە قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ھەم ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ، يۇقىرى تەبىقە جەمئىيىتى بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغىنىشنى خالىمايدۇ، ھەم خەلق بىلەن بىر بولۇپ مۇستەبىت تۈزۈمگە ۋە يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغانلار. «ئارتۇقچە ئادەم» روسىيىنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئازادلىق ھەرىكىتى ئىككىنچى باسقۇچقا كىرگەندە، ئاددىي پۇقرالاردىن چىققان زىيالىيلار سىياسىي سەھنىگە چىقتى، ئاقسۆڭەك زىيالىيلار ئالغا بېسىش ئىرادىسىنى يوقاتتى. تۈرگېنېﻒ (1818 −1883 - يىللار) جەمئىيەتنىڭ بۇ يۈزلىنىشىنى ئەڭ بۇرۇن رومان ئارقىلىق ئىپادىلەپ، «ئارتۇقچە ئادەم» نى تەسۋىرلەشتىن، ئىسلاھات رېئاللىقىنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان «يېڭى ئادەم» لەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىغان.
تۈرگېنېف بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن، ئاپىسى زېرەك، مۇتتەھەم يانچى خوجايىنى ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا پومېشچىك قورۇقىدا چوڭ بولغان، يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، «ھەرگىز يانچىلىق تۈزۈمى بىلەن مۇرەسسە قىلمايمەن» دەپ قەسەم قىلغان. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا، ئۇ دېموكراتىك ئىدىيىگە مايىللاشقان، ئەدەبىياتقا قىزىقىپ شېئىرمۇ يازغان. ئۇنىڭ تۇنجى رېئالىستىك ئەسىرى «ئوۋچى خاتىرىلىرى» ناملىق ئوچېركلار توپلىمى. كىتاب25 پارچە ھېكايىدىن تەركىب تاپقان، ئوۋچىنىڭ ئايلىنىپ يۈرگەن مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈپ، يانچىلىق تۈزۈمىدىكى روسىيە يېزا - بازارلىرىدىكى ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ھادىسىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ھەربىر ئەسەرنىڭ ماتېرىيالى تەبىئىي بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، لېكىن ھەممىسىدىلا يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان. ئەسەر چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقتىن، تۈرگېنېﻒ قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. لېكىن، ئۇ ئىجادىيىتىنى توختاتمىغان، نەزەربەند قىلىنىۋاتقان يەردىمۇ، يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدىغان ھېكايىسى »مۇمۇ«نى يازغان.
«روتىن»، «ئاقسۆڭەك ئائىلىسى»، «ھارپا»، «ئاتا ۋە بالا»، «تۈتۈن»، «بوز يەر» پوۋېستلىرى تۈرگېنېفنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
«روتىن» بىلەن «ئاقسۆڭەك ئائىلىسى» «ئارتۇقچە ئادەم» ئوبرازىنى ياراتقانلىقى ئۈچۈن، دۇنياغا مەشھۇر بولغان. «روتىن» دىكى باش قەھرىمان روتىن ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئەقىللىق، قىزغىن. ئۇ سۆزمەن ھەم ئۆتكۈر. ئۇ ئالغا بېسىشقا، ئەركىنلىككە، گۈزەل تۇرمۇشقا تەلپۈنسىمۇ، لېكىن خەلقتىن ئايرىلغان، ئۇنىڭدا جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش جاسارىتى ۋە كۈچى كەم بولغاچقا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ، نۇرغۇن گۈزەل غايىلىرىمۇ ئاخىرىدا كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ھەتتا سۆيگۈنى ئاپىسىنىڭ گېپىگە كىرمەي، ھەممىدىن كېچىپ، ئۇنىڭ بىلەن كەتمەكچى بولغاندا، ئۇ قاتتىق ئىككىلىنىپ، ئاخىرىدا يالتىيىپ كېتىپ، ئايرىلىپ كېتىدۇ. «ئاقسۆڭەك ئائىلىسى» نىڭ باش قەھرىمانى رافلىنىسكى چەت ئەلدىن روسىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىگىلىكىنى قايتىدىن تەرتىپكە سالماقچى بولىدۇ. خوتۇنى داۋاملىق چەت ئەلدە تۇرۇۋېرىدۇ، ئەخلاقسىزلىق قىلىدۇ. كېيىن، گېزىتتىن خوتۇنىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خاتا خەۋەرنى ئۇقىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ جىيەن قىزى لىشانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. كىم بىلسۈن، خوتۇنى تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىپ، ئۇنى قاتتىق ئازابتا قويىدۇ. ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئالدىدا، ئۇ لىشا بىلەن ئايرىلىپ كېتىدۇ. رافلىنىسكىمۇ «ئارتۇقچە ئادەم» نىڭ تىپى، ئۇ روتىنغا ئوخشىمايدىغان، بىرقەدەر ئەمەلىيرەك، ئىگىلىكىنى قايتىدىن تەرتىپكە سالماقچى بولغان، ئۆزىنىڭ قورۇقىدا دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاقسۆڭەك زىيالىيلارنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇ شەخسىي بەختى بىلەن ئىجتىمائىي ئەخلاق قارىشى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت تۇغۇلغاندا، پەقەت تەقدىرگە تىز پۈكىدۇ. ئاپتور بۇ «ئارتۇقچە ئادەم» نىڭ ئەھمىيەتسىز ھاياتى ئارقىلىق، ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ مۇقەررەر يوقىلىدىغانلىقى، ئاقسۆڭەك زىيالىيلارنىڭ روسىيە تارىخىنى ئىسلاھ قىلىش بۇرچىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«ھارپا» بىلەن «ئاتا ۋە بالا» نىڭ ئىككىسىدىلا «يېڭى ئادەم» ئوبرازىنى يارىتىپ روسىيە ئەدەبىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى. ئۇ «ئاتا ۋە بالا» نى يازغاندىن كېيىن، ئىدىيىسى تەدرىجىي ھالدا ئاقسۆڭەك لىبېرالىزمغا يۈزلىنىپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ «تۈتۈن» ۋە «بوز يەر» پوۋېستلىرىدا ئىپادىلەنگەن. شۇڭا، بۇ ئىككى پوۋېستنىڭ ئىجتىمائىي رولى يۇقىرىقى تۆت پوۋېستقا يەتمىدى.