UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىئارىستوپان

ئارىستوپان

دۇنيا ئەدەبىياتى قەدىمكى يۇناننىڭ كومېدىيىلىرى تراگېدىيىلەردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن، ئافېنا شەھەر دۆلىتىدە كرىزىس يۈز بەرگەن دەۋردە كومېدىيە ئەڭ گۈللەنگەن. ئۇ ئەينى چاغدىكى رېئال تۇرمۇشتىن ئېلىنىپ، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەچكە، قەدىمكى يۇنان تراگېدىيىلىرىدىنمۇ كۈچلۈكرەك سىياسىي جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولدى. قەدىمكى يۇنان كومېدىيە يازغۇچىلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاتاقلىقى ئارىستوپان(مىلادىيىدىن ئىلگىرى446 −385 - يىللار). كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇنى «كومېدىيە ئاتىسى» دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئېيتىلىشىچە، ئارىستوپان جەمئىي44 پارچە كومېدىيە يازغان، ھازىر ساقلىنىپ قالغىنى11 پارچە. ئۇنىڭ كومېدىيە ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى كەڭ، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇرۇشقا قارشى كومېدىيىلەر ئىچىدە، ئەڭ داڭلىقى «ئاخارنىيالىق». «ئاخارنىيالىق» دا دېھقان دېككىئېپولىسنىڭ ئۆزى يالغۇز دۈشمەن بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى بىمەنە ھېكايە ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ تىنچلىقنى تەلەپ قىلغان كۈچلۈك ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. سەھنە ئەسىرىدە يەنە، ئۇرۇش پەقەتلا يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەرگىلا پايدا يەتكۈزىدىغانلىقى، خەلققە ئاپەت بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. «قۇشلار» ئارىستوپاننىڭ بىردىنبىر ئەپسانىۋى خىيال تېما قىلىنغان كومېدىيىسى. ئۇنىڭدا، ئورمانلىقتىكى قۇشلارنىڭ بىر غايىۋى جەمئىيەت − «بۇلۇت ئارىسىدىكى پاختەك دۆلىتى» نى قۇرغانلىقى، بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ باراۋەرلىكى، ئېسىلزادە، پەس دەپ ئايرىلمايدىغانلىقى، ئېكسپىلاتاتسىيە يوقلۇقى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ ياۋروپا ئەدەبىياتىدا ئوتۇپىك ئىدىيە ئەڭ بۇرۇن ئىپادىلەنگەن ئەسەر ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئاپتور ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەركىن دېھقانلارنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەردە پىكىرلەر غەلىتە، سۇژىت ئەگرى - توقاي، ئۇسلۇب چىرايلىق، لىرىك كەيپىيات ناھايىتى قويۇق، بۇ ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. ئارىستوپاننىڭ بۇ خىل باراۋەرلىككە تەشنا ئىدىيىسى ئۇنىڭ «بايلىق ئىلاھى» ناملىق كومېدىيىسىدە تېخمۇ نامايان بولغان. ئۇ جەمئىيەتتىكى كەمبەغەللىك بىلەن بايلىقنىڭ تەڭسىزلىكى ھادىسىسىنى ئېچىپ تاشلاپ ۋە تەنقىد قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كەمبەغەللەر بايلاردىن پەزىلەتلىك كېلىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى بايان قىلغان ھەم ھازىرقى جەمئىيەتتە، پۇلدار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مۇتتەھەم، بىر ئادەم باي بولۇپ قالسىلا، «ھېچقانداق چەكلىمىسىز يامان ئىشلارنى قىلىۋېرىدۇ» غانلىقىنى يۈرەكلىك كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر ئارىستوپاننى «خاھىشچانلىقى كۈچلۈك شائىر» دەپ ئاتاشقان. ئارىستوپاننىڭ كومېدىيىسىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ مۇبالىغە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەجۋىي سۈرەت شەكلىدىكى ئوبرازلار ئارقىلىق كۈچلۈك مەسخىرە قىلىشقا ماھىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەركىن تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە، توقۇلما قىلىنغان ئاجايىپ - غارايىپ بىمەنە ۋەقەلەر بار، بۇ ئارقىلىق خىلمۇخىل ئالاھىدە خاراكتېردىكى پېرسوناژلار ئوبرازلىرى يارىتىلغان. ئۇ تىلنى خەلق ئىچىدىن ئالغان، ئاددىي، تەبىئىي، قىزىقارلىق، جانلىق، گاھىدا قوپاللاشسا، گاھىدا سىپايىلىشىدۇ، بەزىدە سىياسىي مۇھاكىمىگە ئوخشىسا، بەزىدە شېئىرغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، كېيىنكى دەۋرلەردىكى كومېدىيىلەرگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى