UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىقەدىمكى يۇناننىڭ ئۈچ بۈيۈك تراگېدىيە يازغۇچىسى

قەدىمكى يۇناننىڭ ئۈچ بۈيۈك تراگېدىيە يازغۇچىسى

دۇنيا ئەدەبىياتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى5 - ئەسىر يۇنان تراگېدىيىسى گۈللەنگەن دەۋر، بۇ چاغدا، نۇرغۇن تراگېدىيە يازغۇچىلىرى مەيدانغا كەلگەن، نۇرغۇن تراگېدىيە ئەسەرلىرى ئوينالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۈچ بۈيۈك تراگېدىيە يازغۇچىسى ئېيسكۇلوس (مىلادىيىدىن ئىلگىرى525 −456 - يىللىرى)، سوفوكلېس(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى496 −406 - يىللىرى) ۋە ئورىپېدىز(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى485 −406 - يىللار)لاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە قۇلدارلار دېموكراتىيىسى تۈزۈمىدىكى ئوخشاشمىغان باسقۇچلاردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يۇنان تراگېدىيىلىرىنىڭ ئوخشاشمىغان دەۋرلەردىكى ئىدىيە ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان. ئېيسكۇلوس يۇناننىڭ «تراگېدىيە ئاتىسى» ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئافېنادىكى ھاكىممۇتلەق خىپئاسنىڭ زوراۋان ھاكىمىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەن، ياشلىق دەۋرىدە ئافېنا قۇلدارلار دېموكراتىيىسى تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلغىنىنى كۆرگەن، پارس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مارافون ۋە سارامى ئۇرۇشلىرىغا بىۋاسىتە قاتناشقان. ئۇ دېموكراتىك تۈزۈمنى قوغدايدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى مەدھىيىلەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭدا يەنە «نېمە تېرىساڭ، شۇنى ئالىسەن» دەيدىغان ئىدىيە بار. ئېيتىلىشىچە، ئۇ جەمئي90 سەھنە ئەسىرى يازغانىكەن، لېكىن پەقەت يەتتە پارچە مۇكەممەل سەھنە ئەسىرىلا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ماتېرىيالى كۆپىنچە ئەپسانىۋى ھېكايىلەردىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ نادىر ئەسىرى «باغلانغان پرومىتېئوس». ئۇنىڭدا، پرومىتېئوسنىڭ زەنجىر بىلەن قىياغا مىخلىنىپ، ئاسمان پادىشاھى زېۋىسنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، ئازاب چەككەن مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىپ، قويۇق تراگېدىيە كەيپىياتى ھاسىل قىلىنغان. پرومتېئوسنىڭ ئىسانلار ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلغان روھىغا مەدھىيە ئوقۇلۇپ، ئافېنادىكى قۇلدارلار دېموكراتىيىسىپەرەسلەرنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئادالەتپەرۋەرلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ شۇنداقلا زېۋىسنىڭ زوراۋانلىقى ۋە مۇستەبىتلىكى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلىنىدۇ ۋە قامچىلىنىدۇ. سوفوكلېسنىڭ ئىجادىيىتى يۇنان تراگېدىيىلىرىنىڭ پىشقان باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئافېنا دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ گۈللەنگەن ۋە زاۋاللىققا يۈزلەنگەن مەزگىلدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ئىنكاسى. ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ درامىلىرى120 نەچچىگە يېتىدىكەن، لېكىن پەقەت يەتتە پارچىسىلا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. «شاھ ئودىپوس» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. «شاھ ئودىپوس» نىڭ ماتېرىيالى قەدىمكى رىۋايەتلەردىن ئېلىنغان. شاھ ئودىپوس ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاپىسىنى نىكاھىغا ئېلىۋالىدۇ، بۇنداق بولغانلىقىنى ئۇ ئۆزى زىنھار بىلمەيدۇ. تېبىس دۆلىتىدە تارقالغان ۋابانى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئودىپوس ئىلاھنىڭ پەرمانى بويىچە ئالدىنقى پادىشاھ رايىئېسنىڭ قاتىلىنى ئىزدەيدۇ، نەتىجىدە ئۆزى ئىزدەۋاتقان قاتىل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. خانىش ئىئوكاستې ئازاب ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، ئودىپوس ئۆزىمۇ ھەر خىل مۇرەككەپ ھېسسىيات ئىچىدە ئىككى كۆزىنى ئويۇپ كور قىلىپ، ئۆز - ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىدۇ. ئەسەردە تەتۈر بايان ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، بۇ مۇرەككەپ زىددىيەت ئېچىپ بېرىلىپ، دراماتىك توقۇنۇشلار كۇلمىناتسىيە نۇقتىسىغا كۆتۈرۇلىدۇ. سەھنە ئەسىرىدە ئودىپوسنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە دۆلەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى قىزغىن مەدھىيىلىنىدۇ ھەم ئەينى چاغدا تارقالغان تەقدىر قارىشىدىن گۇمانلىنىدۇ. بەدىئىيلىك جەھەتتە، سوفوكلېسنىڭ تراگېدىيىلىرىنىڭ كومپوزىتسىيىسى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەدەبىيات تارىخىشۇناسلار ئۇنىڭغا «تىياتىر سەنئىتىنىڭ ھومېرى» دەپ نام بەرگەن. ئورىپېدىز ئۆمرىدە92 پارچە ئەسەر يازغان، بىزگىچە يېتىپ كەلگىنى18 پارچە. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تېمىسى بىرقەدەر كەڭ، ئۇسلۇبى كەسكىن، قەيسەر، دەستەكچىلىك تۈسىگە باي، ئۇ بىر قىسىم يېڭى ساھەلەرنى ئاچقان. ئۇ ئاياللار مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن، ھازىر ساقلىنىۋاتقان18 پارچە درامىسىدىن12 سىدە ئاياللار مەسىلىسى تېما قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى «مېدىيا». يازۇن رىۋايەتتىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر قەھرىمان، ئۇ مېدىيانىڭ ياردىمىدە تۈرلۈك - تۈمەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالتۇن قوي يۇڭىنى ئېلىپ كېلىدۇ ھەم مېدىيانى ئەمرىگە ئالىدۇ. «مېدىيا» درامىسىدا يازۇننىڭ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، شەخسىي ئىستىقبالى ئۈچۈن باشقا كۆڭۈل خۇشى ئىزدىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە نۇقتىلىق يېزىلغان. يازۇن بىر باتۇر قەھرىماندىن رەزىل، پەس ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ، مېدىيا بىر ئىشقۋاز قىزچاقتىن، قارشىلىق كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ئايال بولۇپ يېتىلىدۇ، ئەسلىدىكى قەھرىمانغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقان ھېكايە، جەمئىيەتنىڭ جىنايىتىنى سۆكىدىغان، تەڭسىزلىك ھادىسىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغان، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مەدھىيىلەيدىغان تراگېدىيىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئورىپېدىزنىڭ ئەسەرلىرى تراگېدىيىنىڭ تەنقىدىي رەت قىلىش خاھىشىنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرىكىلەردىنمۇ ئىلغار دېموكراتىك ئىدىيىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇ سەھنە ئەسىرىدە بارلىق پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تراگېدىيىدە ئىلاھلارنى يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئادەملەرنى يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە بۇرايدۇ، رېئال تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئادەملەرنى ئىپادىلەيدۇ ھەم پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەيدۇ، ئۇ ئەسەرلەر بىر خىل ئىچكى تەسىر كۈچكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى