UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىدانتىنىڭ ئىلاھ كومېدىيىسى

دانتىنىڭ ئىلاھ كومېدىيىسى

دۇنيا ئەدەبىياتى دانتى (1265 −1321 - يىللار) ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى، شۇنداقلا يېڭى دەۋرنىڭ ئەڭ دەسلەپىدىكى بىر شائىر. ئۇ ئىتالىيىنىڭ فلورېنسىيە شەھىرىدىكى بىر كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپتە لاتىن يېزىقى، شېئىرىيەت ئىلمى، ئىستىلىستىكا ئۆگەنگەن ھەم كلاسسىك ئەدەبىياتنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەسىم، مۇزىكا، پەلسەپە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆگەنگەن، زامانىسىنىڭ بىلىملىك كىشىلىرىنىڭ بىرى بولغان. دانتى ياشىغان دەۋر يېڭى گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە بىلەن فېئودال كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋر ئىدى، بىر تارىخىي ئۆزگىرىش پىشىپ يېتىلىۋاتاتتى. ياش دانتى گئولﻒ پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى ئاكتىپ قوغدىغان. گئولﻒ پارتىيىسى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، دانتى شەھەرنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەللىرىنىڭ بىرىگە سايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي گئولﻒ پارتىيىسى ئاق، قارا دەپ ئىككى پارتىيىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئاق پارتىيىگە مەنسۇپ بولغان دانتى سىياسىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىپ، ئۆمۈرۋايەت سۈرگۈنلۈككە ھۆكۈم قىلىنغان، تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە يۇرتىغا قايتىپ كېلەلمىگەن. دانتى سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن، رېئال تۇرمۇش بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىپ، بۆلۈنۈش ۋە ئىچكى نىزا ئىتالىيىنىڭ ئالغا بېسىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈپ سەۋەب ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى، شۇڭا ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش تەشەببۇسى تېخىمۇ قەتئىيلەشتى. ئون نەچچە يىل تىرىشىپ، «ئىلاھ كومېدىيىسى» داستانىنى تاماملىدى. بۇ ئۇنىڭ ھەسرەت، نەپرىتى بىلەن پۈتكەن ئەسىرى ئىدى شۇنداقلا ياۋروپا ئەدەبىياتى تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۈيۈك ئەسەر بولۇپ قالدى. «ئىلاھ كومېدىيىسى» جەمئىي14 مىڭ مىسرا، «دوزاخ»، «سۇكاۋەتى»،«جەننەت» دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. شائىر ئوتتۇرا ئەسىردە مودا بولغان خىيالىي ئەدەبىيات شەكلىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ھايات سەپىرىدە ئارايولدا بىر قاراڭغۇ ئورمانغا كىرىپ قېلىپ، نىشاندىن ئېزىپ قالغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ بىر گۈزەل تاغ چوققىسىغا ياماشماقچى بولۇۋاتقىنىدا، تۇيۇقسىز ئەيش - ئىشرەت، زوراۋانلىق ۋە ئاچ كۆزلۈكنىڭ سىمۋولى بولغان يىلپىز، شىر، بۆرىلەر يولىنى توسۇۋالىدۇ، مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقىنىدا، قەدىمكى يۇنان شائىرى ۋېرگىلىيۇس ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. ۋېرگىلىيۇس بىياترىچنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەن، ئۇ باشقا بىر يول بىلەن ئۇنى يورۇقلۇققا باشلاپ چىقىدۇ. ۋېرگىلىيۇس دانتىنى باشلاپ دوزاخ بىلەن سۇكاۋەتىنى ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، بىياترىچ ئۇنى يەنە جەننەتنى ئايلاندۇرىدۇ. شېئىرنىڭ پۈتۈن ۋەقەلىكى كىنايە بىلەن تولغان، ئىنسانلارنىڭ ئېزىش ۋە خاتالىق ئىچىدە جاپا تارتىپ، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، چىنلىق، گۈزەللىك، ياخشىلىققا ئېرىشىدىغان مۇساپىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. «ئىلاھ كومېدىيىسى» دە ئۈچ ئالەمگە قىلغان خىيالىي ساياھەت يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى رېئاللىقتىن ئېلىنغان، كۈچلۈك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ، »دوزاخ« قىسمىدا ئىتالىيىنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، بىر قاتار زور ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ، ئىتالىيان مىللىتىنىڭ چىقىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. شېئىرنىڭ ھەممىلا يېرىدە فېئودال ئىلاھىي ھوقۇققا قارشى تۇرۇش، ئىدراكى ئويغىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىدىيىسىنىڭ نۇرى پارلاپ تۇرىدۇ. «ئىلاھ كومېدىيىسى» ئىتالىيىنىڭ ئاممىباب تىلىدا يېزىلغان، ئىتالىيە ئەدەبىياتىدا تىل ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئىتالىيان مىللىتىنىڭ تىل تەلەپپۇزىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ناھايىتى زور رول ئوينىغان. دانتى يەنە خەلق قوشاقلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۈچ مىسرا بىر بۆلەك بولغان، ئۈچ قاپىيىلىك يېڭى ئۇسلۇبنى ياراتتى، شۇڭلاشقا كېيىنكىلەر دانتىنى ئىتالىيىنىڭ تۇنجى مىللىي شائىرى دەپ ئاتاشتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى