UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىرومانتىك شائىر بايرۇن ۋە شېللېي

رومانتىك شائىر بايرۇن ۋە شېللېي

دۇنيا ئەدەبىياتى بايرۇن (1788 −1824 - يىللار) ۋە شېللېي (1792 −1822 - يىللار) ئەنگلىيىنىڭ ئاكتىپ رومانتىزمچى شائىرلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئىدىيە، ئورتاق كەچۈرمىشى بار. ئۇلار باشتىن - ئاخىر فرانسىيە ئىنقىلابىغا، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ياۋروپا ئەكسىيەتچى «مۇقەددەس ئىتتىپاق» ى بىلەن بولغان كۈرەش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئۇلار پاسسىپ رومانتىزمچى «كۆل بويى گۇرۇھى» بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى قىزغىن ھېسسىياتى ۋە ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنى ئاچچىق مەسخىرە قىلىشى بىلەن «ئىشچىلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئوقۇرمەن تاپقانىدى». بايرۇن ياش ۋاقتىدا كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ2 - يىللىقىدىكى ۋاقتىدا، ئۇ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «بوشاڭ چاغلار» نى نەشر قىلدۇرۇپ، رېئاللىققا بولغان نارازىلىقىنى ۋە يۇقىرى قاتلام جەمئىيەتنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا ساياھەتكە بېرىپ، جەمئىيەتنى كەڭتاشا چۈشىنىش ۋە ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «چارد گارولدنىڭ ساياھىتى» نى ئېلان قىلىپ، فېئودال مۇستەبىتلىككە بولغان نەپرىتى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيىگە تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلىگەن.1812 - يىلى داڭلىق شېئىرى «<ماشىنىلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى باستۇرۇش قانۇن لايىھىسى>نى تۈزگۈچىگە مەدھىيە» نى ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە دۆلەت پارلامېنتىنىڭ خەلققە قارشى ماھىيىتىنى ۋە قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ ۋەھشىي قىياپىتىنى غەزەپ بىلەن پاش قىلغان. ئۇنىڭ كەينىدىنلا، ئۇ يەنە شەرق ھېكايىلىرىنى تېما قىلىپ، رومانتىك تۈسكە باي داستان «شەرق داستانى» نى يېزىپ، بارلىق ئىجتىمائىي تۈزۈم بىلەن قارشىلاشقان ئىسيانكارلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. بۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ئىنتايىن زور ئۆچلۈكىنى قوزغىغان، ئۇ ئەنگلىيىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان. شۋېتسارىيىدە كۆچمەن بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇ شېللېي بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالغان. شېللېينىڭ تەسىرىدە، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ شېئىرىيەت تارىخىدىكى ئىشچىلارنى كۈرەشكە چاقىرىدىغان تۇنجى شېئىرى «لۇدېچىلار ناخشىسى» نى يازدى.1817 - يىلى ئۇ ئىتالىيىگە كۆچۈپ بارغان، ئۇ يەردىكى مەخپىي تەشكىلات − كۆمۈرچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن، قوزغىلاڭغا ئاكتىپ تەييارلىق كۆرۈپ، ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. بۇ چاغدا ئۇ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازغان. «تۇچ دەۋرى» دە ئاپتور مەسخىرىنىڭ تىغ ئۇچىنى ياۋروپادىكى ئەكسىيەتچى «مۇقەددەس ئىتتىپاق» قا قاراتقان. ئۇ ۋەكىللىك ئەسىرى، شېئىرىي رومانى «دونخار» دا ئىسپانىيىلىك ياش ئاقسۆڭەك دونخارنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ھېكايىسىنى بايان قىلغان. ياۋروپا ئەكسىيەتچى كۈچلىرىگە زەربە بېرىپ، ياۋروپا، جۈملىدىن ئەنگلىيىنىڭ ئاتالمىش «مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت» ىنىڭ چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلىغان.1823 - يىلى بايرۇن ئىتالىيىدىن ئايرىلىپ گرېتسىيىگە بېرىپ، تۈركىيىنىڭ ئېزىشىگە قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە قاتناشقان ھەم گرېتسىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ داھىيلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. لېكىن، بۇ مەزگىلدە ئۇ كېزىك بىلەن ئاغرىپ، بەختكە قارشى1824 - يىل4 - ئاينىڭ9 - كۈنى كېسەل بىلەن36 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. گرېتسىيە خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. شېللېي19 ياشقا كىرگەن يىلى (1811 - يىلى) «ئاتېئىزمنىڭ مۇقەررەرلىكى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كېيىنكى يىلى «ئىرېلاندىيە خەلقىگە مەكتۇپ» نى يازغان ھەم ئىرېلاندىيىگە بېرىپ، شۇ يەرلىك خەلقنى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان، ئەپسۇسكى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىپ، شېئىرنى قورال قىلىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلماقچى بولغان.1813 - يىلى، ئۇ تۇنجى داستانى «ئايال پادىشاھ ماكب» نى يېزىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇستەبىتلىكىنى تەنقىد قىلىپ، كاپىتالىزمنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسىنى ئەيىبلىگەن ھەم گۈزەل جەمئىيەت قۇرۇش غايىسىنى ئىپادىلىگەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرى بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ، شېللېينى ئەنگلىيىدىن مەڭگۈ ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغان.1818 - يىلى ئۇ ئىتالىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، شۇ چاغدا لىرىك شېئىرىي درامىسى «ئازاد بولغان پرومېتىئوس» نى تاماملىغان. شېئىرىي درامىدا ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتى تەسۋىرلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئىنقىلابنىڭ چوقۇم يېتىپ كېلىدىغانلىقى، چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن. بۇ شېئىرىي دراما ھەم ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى، ھەم رومانتىك شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى، ئېنگېلس ئۇنى «تالانتلىق ئالدىن بىلەر» دەپ ئاتىغان.1819 - يىلى ئەنگلىيە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىرى ئىشچىلار ئاممىسىنى قىرغىن قىلغان «پىترو ۋەقەسى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ۋەقە شېللېينىڭ ئىدىيىسىدە غايەت زور زىلزىلە پەيدا قىلغان. ئۇ پەقەت يېزىقچە تەشۋىقاتقىلا تايانغان بىلەن، ھازىرقى تەرتىپنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن، دەپ قارىغان. ئۇ بىر تەرەپتىن «ئەنگلىيە خەلقىمگە بېغىشلىغان ناخشا» قاتارلىق بىر قاتار داڭلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يەنە ئېزىلگۈچى، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچىلارنى ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە نۇرغۇن لىرىك شېئىرلارنى يازغان، مەسىلەن، «غەرب شامىلىغا مەدھىيە»، «بوزتورغايغا»لارنىڭ ھەممىسى كىشىگە ھۇزۇر بېرىدىغان مەشھۇر ئەسەرلەر.1822 - يىل7 - ئاينىڭ8 - كۈنى شېللېي دېڭىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بورانغا ئۇچراپ، بەختكە قارشى30 يېشىدا سۇغا غەرق بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. ماركس ئۇنى «بىر ھەقىقىي ئىنقىلابچى ئىدى» دەپ قارىغانىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى