UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىدۆلەت تەۋەلىكى، قوش دۆلەت تەۋەلىكى، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار

دۆلەت تەۋەلىكى، قوش دۆلەت تەۋەلىكى، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار

دىپلوماتىيە بىلىملىرى دۆلەت تەۋەلىكى − مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەلۇم دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا تەۋە قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بىر ئادەم مەلۇم دۆلەت تەۋەلىكىدە بولغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قوش دۆلەت تەۋەلىكى − بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىز قوش دۆلەت تەۋەلىكىدە بولغانلارنى ئۆزى خالاش پرىنسىپى بويىچە، بىر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدە بولۇشنى؛ جۇڭگونىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگۈچىلەرنى تەستىقلىغاندا، چەت ئەلدىكى دۆلەت تەۋەلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار − بىر ئادەمنىڭ ھېچقانداق دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نورمال بولمىغان بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ خىل بولىدۇ. دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارغا ئادەتتە چەت ئەللىكلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى