UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىھۆرمەت قاراۋۇلى، كۆكتېل ھارىقى زىياپىتى، ھۆرمەت توپى

ھۆرمەت قاراۋۇلى، كۆكتېل ھارىقى زىياپىتى، ھۆرمەت توپى

دىپلوماتىيە بىلىملىرى مۇراسىم جابدۇقلىرى − قەدىمكى زاماندا ئىمپېراتور ۋە ئەمەلدارلار سىرتقا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ياساۋۇللار كۆتۈرۈۋالغان بايراق، ئەلەم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ياساۋۇللار ھۆرمەت قاراۋۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر ئېيتىلىۋاتقان ھۆرمەت قاراۋۇلى ھەربىي قىسىم مەلۇم خىلدىكى مۇراسىم ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن كىچىك قىسىم بولۇپ، ئادەتتە چەت ئەلنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش - ئۇزىتىش قائىدە - يوسۇنلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە باشقا ئالاھىدە مۇراسىملاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. كۆكتېل ھارىقى زىياپىتى ھاراق زىياپىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئەسلىدە ياۋروپادا كەڭ تارقالغان. بۇ خىل ھاراق زىياپىتىدە، كۆكتېل ھارىقى (جەنۋە ھارىقى، بىراندى، ۋېسكى ياكى ئۇسسۇزلۇق ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسىلىدۇ) ۋە پېچىنە - پىرەنىك بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ. مېھمانلار ئادەتتە ئۆرە تۇرۇپ ئوزۇقلانغاچ، ئىختىيارىي ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. ھۆرمەت توپى − ئەزىز مېھمان كەلگەندە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئېتىلىدۇ، بۇ خەلقئارادا ئادەتكە ئايلانغان دىپلوماتىيە قائىدىسى. خاتىرىلىنىشىچە،400 يىل ئىلگىرى بەزى دۆلەتلەردە ھۆرمەت توپى ئېتىپ مېھمان كۈتۈۋالىدىغان قائىدە بار بولۇپ، ئۇ چاغدا راست توپ ئېتىلاتتى. ھازىر ئېتىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان توپ. دۆلەت، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا،21 پاي توپ ئوقى ئېتىلىدۇ. بۇ ئەڭ ئالىي ئىززەت - ئىكرام ھېسابلىنىدۇ. مىنىستىر، گېنېرال دەرىجىلىك چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا19 پاي توپ ئېتىلىدۇ، تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا17 پاي،15 پاي توپ ئېتىلىدۇ. ھۆرمەت توپلىرىنىڭ ھەممىسى تاق سان بويىچە ئېتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى