UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىسىياسىي باشپاناھلىق، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش

سىياسىي باشپاناھلىق، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش

دىپلوماتىيە بىلىملىرى سىياسىي باشپاناھلىق ھامىيلىق قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ، بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىتى ۋە قانۇنىغا ئاساسەن، سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە، تۇرۇپ قېلىشىغا ئىجازەت بېرىشنى ھەمدە ئۇنى قانۇن جەھەتتە قوغداشنى، پاناھلانغۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك ياكى قوغلاپ چىقارماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىش − بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى باشقا بىر دۆلەت تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ياكى جازا ھۆكۈم قىلغان كىشىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەلەپ قىلغان دۆلەتنىڭ قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىشى ياكى ھۆكۈم ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر: جىنايەتچىنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان دۆلەت، جىنايەت قىلمىشى يۈز بەرگەن دۆلەت، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش − جىنايەت ئۆتكۈزگەن چەت ئەللىك ياكى دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغانلارنى چېگرا سىرتىغا قوغلاپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. سوتنىڭ «چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش» نى ھۆكۈم قىلىشى جىنايى جازانىڭ بىر خىلى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ «چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش» بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىشى بىر خىل مەمۇرىي تەدبىر.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى