ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى
دىپلوماتىيە بىلىملىرى
كېلىشىم تۈزۈشكەن ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسى، تاموژنا، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئورنى قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزئارا بېرىشكەن ئېتىبارلار ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ھەرقانداق ئۈچىنچى دۆلەتكە بەرگەن ۋە بېرىدىغان ئېتىبار، ئالاھىدە ھوقوق ۋە كەچۈرۈم قىلىش مۇئامىلىلىرىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ «كەمسىتىش بولمىغان مۇئامىلە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە كېلىشىم ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ خىل ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى كېلىشىم تۈزۈشكەن ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق.