UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىمەڭگۈ بىتەرەپ دۆلەت

مەڭگۈ بىتەرەپ دۆلەت

دىپلوماتىيە بىلىملىرى ئۇرۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئۇرۇشۇۋاتقان ھەرقانداق بىر تەرەپكە دۈشمەنلىك ھەرىكىتىنى قوللانمىغان دۆلەت بىتەرەپ دۆلەت دېيىلىدۇ. بىتەرەپ دۆلەت: ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىتەرەپ دۆلەت ۋە مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىتەرەپ دۆلەت − مەلۇم خەلقئارالىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئوتتۇرىدا تۇرۇش ھالىتىنى ساقلىغان دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. مەڭگۈلۈك ئوتتۇرىدىكى دۆلەت خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەيلى تىنچلىق مەزگىلى ياكى ئۇرۇش مەزگىلىدە بولسۇن، مەڭگۈ ئوتتۇرىدا تۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىدىغان دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيىلەر مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلارنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى
مەڭگۈ بىتەرەپ دۆلەت | UyghurWiki | UyghurWiki