UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىپاسپورت، ۋىزا

پاسپورت، ۋىزا

دىپلوماتىيە بىلىملىرى پاسپورت − بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيىگە مەسئۇل ئورگانلىرى ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ - چىقىشى ۋە باشقا بىر دۆلەتتە ئولتۇراقلىشىشى، ساياھەت قىلىشى ئۈچۈن بەرگەن ئىسپاتى. ئادەتتە ئۇ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ: دىپلوماتىيە پاسپورتى چەت ئەلگە ئەۋەتىلىدىغان دىپلوماتىيە خادىملىرىغا بېرىلىدۇ؛ دۆلەت ئىشلىرى پاسپورتى چەتتە تۇرۇشلۇق ۋەكىل ئورگانلارنىڭ تېخنىكا ۋە ياردەمچى خىزمەتچى خادىملىرىغا بېرىلىدۇ؛ ئادەتتىكى پاسپورت چەت ئەلگە چىقىدىغان ئادەتتىكى پۇقرالارغا، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلارغا بېرىلىدۇ. ۋىزا بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ياكى چەت ئەلدىكى مەسئۇل ئورگانلىرى ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ياكى چەت ئەللىكلەرنىڭ پاسپورتى قاتارلىق قانۇنلۇق ئىسپاتىغا باسقان چېگرىدىن كىرىپ - چىقىش ئىجازەت تامغىسى ۋە ئىمزاسى، بۇ خىل ۋىزىنى ئالماي تۇرۇپ چېگرىدىن كىرىپ - چىققانلار قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامە بولغاچقا، پۇقرالار قارشى تەرەپتىكى دۆلەتكە بېرىش ئۈچۈن ۋىزا ئالمىسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى