UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىزېمىن، دېڭىز تەۋەلىكى، ھاۋا تەۋەلىكى

زېمىن، دېڭىز تەۋەلىكى، ھاۋا تەۋەلىكى

دىپلوماتىيە بىلىملىرى زېمىن − بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەسىدە بولغان تېررىتورىيە، ئۇ، بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق، دەريا - ئېقىن، كۆل، ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ يەر ئاستى قاتلىمى ۋە ھاۋا بوشلۇقى (ھاۋا تەۋەلىكى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى خەلقئار قانۇننىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى. دېڭىز تەۋەلىكى سۇ تەۋەلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن سىرتقا ئۇزارغان مۇئەييەن كەڭلىكتىكى دېڭىز تەۋەسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ دېڭىز قىنى، يەر ئاستى قاتلىمى ۋە ئۇنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىر دۆلەت تېررىتورىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كەڭلىكىنىڭ بەلگىلىنىشى ئوخشاش ئەمەس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كەڭلىكىنىڭ12 دېڭىز مىلى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھاۋا تەۋەلىكى − بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق، دەريا - ئېقىن، كۆل، ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىر دۆلەت زېمىنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىگە مەنسۇپ بولىدۇ، باشقا دۆلەتنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى