UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىسوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، قوراللىق ئۇرۇش

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، قوراللىق ئۇرۇش

دىپلوماتىيە بىلىملىرى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ھۆكۈمران گۇرۇھلىرىنىڭ ئۇرۇش قوزغاش، قوراللىق ھۇجۇم قىلىشتىن باشقا ئېلىپ بارغان سوتسىيالسىتىك دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى بارلىق ھەرىكەتلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دېيىلىدۇ.1946 - يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكىلىق سىياسىي ئوبزورچى خېربېرت سۋوپ كېڭەش پالاتا ئەزاسىغا تەييارلىغان نۇتۇقتا، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن. شۇ يىلى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىلنىڭ فۇلتوندىكى نۇتقى، ئىككىنچى يىلى تىرومىن ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئۇرۇشتىن كېيىن «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قوراللىق ئۇرۇش سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قارىمۇقارشى بولۇپ، ئۇ ئوچۇق - ئاشكارا ئۇرۇش ھەرىكىتى، قوراللىق ئارىلىشىشنى كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، قوراللىق ئۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki