UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىدىپلوماتىيىلىك ئىمتىياز

دىپلوماتىيىلىك ئىمتىياز

دىپلوماتىيە بىلىملىرى بىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇۋاتقان چەت ئەل دىپلوماتىيە ۋەكىلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بەرگەن ئالاھىدە ھوقۇقى دىپلوماتىيىلىك ئىمتىياز دېيىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن: جىسمانىيىتى، ئىش بېجىرىش ئورنى، تۇرالغۇسى، خەت - چەك، ئارخىپى، مال - مۈلكىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگىلى بولمايدىغانلىق، تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ھۆكمى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولمايدىغانلىق، شېفىرلىق خەۋەرلىشىشنى قوللىنىش ۋە دىپلوماتىيە ئالاقىچىسى ئەۋەتىش؛ تاموژنا بېجى ۋە باشقا ئالۋان - ياساق بېجى ئالماسلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، بارلىق دىپلوماتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن - بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق مەجبۇرىيىتى بار.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى