باش ئەلچىخانا، ئەلچىخانا، ۋاكالەتخانا، كونسۇلخانا
دىپلوماتىيە بىلىملىرى
باش ئەلچىخانا، ئەلچىخانا، ۋاكالەتخانا، كونسۇلخانىلار مۇستەقىل دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتتە تەسىس قىلغان دىپلوماتىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورگىنىنىڭ نامى.
ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئۈچ دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ: ئۆزئارا باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئورناتقاندا، باش ئەلچىخانا قۇرۇلىدۇ. ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئورناتقاندا، ئەلچىخانا قۇرۇلىدۇ، ۋاكالەت دەرىجىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، ۋاكالەتخانا قۇرۇلىدۇ.19 - ئەسىردە، پەقەت چوڭ دۆلەتلەرلا باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتالايتتى. ھازىر دۇنيادا ئورنىتىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى، شۇڭا كۆپىنچە باش ئەلچىخانىلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
كونسۇلخانا بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئۇنىڭ باش كونسۇلخانا، كونسۇلخانا، قوشۇمچە كونسۇلخانا، ۋاكالەت ئورنى قاتارلىق نەچچە خىل تۈرى بار. ئۇ، شۇ جايدىكى ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇھاجىرلىرى ۋە باشقا ۋاقىتلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.