باش ئەلچى
دىپلوماتىيە بىلىملىرى
بۇ، بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ئەۋەتكەن رەسمىي ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ ئۈچ ئوخشاش بولمىغان قاتلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ: باش ئەلچىنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە «ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى» دەپ تەيىنلىنىدۇ، ئۇنى بىر دۆلەتنىڭ باشلىقى يەنە بىر دۆلەتنىڭ باشلىقىغا ئەۋەتىدۇ. ئەلچى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋاكالەتچى بولسا ئەلچىدىن كېيىن تۇرىدۇ. ئۇ، بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يەنە بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىغا ئەۋەتكەن دىپلوماتىيە ۋەكىلى. ۋاكالەتچى بىلەن ۋاقىتلىق ۋاكالەتچى ئوخشاش بولمايدۇ. باش ئەلچى (ئەلچى) لەر ۋەزىپىسىدە بولمىغان ۋاقىتتا، ئەلچىخانا خادىمى ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، بۇنداقلار ۋاقىتلىق ۋاكالەتچى دېيىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەسلىھەتچى، كاتىپ، ھەربىي ئەمەلدار، سودا ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر دۆلەتنىڭ چەت ئەلگە ئەۋەتكەن دىپلوماتىيە خادىملىرىدۇر.