UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىتەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر

تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر

دىپلوماتىيە بىلىملىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي تاپقان، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئۇ سانائەت دۆلىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامېرىكا، كانادا، غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر، ئوكيانىيىدىكى ئاۋسترالىيە، شۇنداقلا يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر «تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل قۇللۇقتا ئۆتكەن، تالان - تاراجغا ئۇچرىغان مىللەتلەر، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە يەنىلا ئارقىدا قالغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى تۆۋەن، تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى42 دۆلەت ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتكە مەنسۇپ بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران200 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا. ئۇلار مىللىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. بۇ دۆلەتلەر3 - دۇنيا ئەللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى