جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى، جەنۇب - شىمال سۆزلىشىشى
دىپلوماتىيە بىلىملىرى
جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللەپ - ياشنىشىنى ھەمدە خەلقئارا ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش ئۈچۈن ئۆزئارا قوللىشى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى، ئورتاق كۈرەش قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى جەنۇبىي يېرىم شاردا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى شىمالىي يېرىم شاردا بولغانلىقتىن، خەلقئارادا «جەنۇب» تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، «شىمال» تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە ۋەكىل قىلىنىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق «جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.
60
- يىللارنىڭ باشلىرىدا، كەڭ3 - دۇنيا ئەللىرى ئارقا - ئارقىدىن سىياسىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. لېكىن، كونا خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ باراۋەرسىزلىكى، شۇنىڭدەك تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى كونترول قىلىۋېلىشى تۈپەيلىدىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. كېيىن ئېچىلغان ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ۋە «77 دۆلەت گۇرۇھى» يىغىنىدا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا ئائىت بىر قاتار ھۆججەتلەر ماقۇللىنىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىق ھەرىكىتى پروگراممىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى كوللېكتىپ ھالدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا زىچ، ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق ۋە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كۈچنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
جەنۇب - شىمال سۆزلىشىشى جەنۇبىي يېرىم شارغا جايلاشقان كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن شىمالىي يېرىم شارغا جايلاشقان كۆپ ساندىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىشىدىكى سۆھبىتى ياكى كېڭىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق يەر شارى خاراكتېرلىك جەنۇب - شىمال سۆزلىشىشى1975 - يىلى12 - ئايدا پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تەرەققىي قىلىۋاتقان19 دۆلەت ۋە سەككىز سانائەت دۆلىتى ۋە گۇرۇھى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا ماھىيەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى.1981 - يىلى10 - ئايدا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى بىلەن يەنە مېكسىكىنىڭ كانكۇن دېگەن يېرىدە جەنۇب - شىمال يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي تاپقان سەككىز دۆلەت ۋە جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان14 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات مەسىلىسى ھەمدە تاۋار، سودا، سانائەتلىشىش، ئېنېرگىيە، پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، رەسمىي شەكىلدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك جەنۇب - شىمال سۆزلىشىشى يىغىنى تېخى ئۆتكۈزۈلمىدى. جەنۇب - شىمال سۆزلىشىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكتىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىرمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.