UyghurWiki
UyghurWikiدىپلوماتىيە بىلىملىرىقىزىق لىنىيە

قىزىق لىنىيە

دىپلوماتىيە بىلىملىرى قىزىق لىنىيە ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئۈچۈن قۇرغان بىۋاسىتە سۆزلىشىش لىنىيىسىدىن ئىبارەت.1963 - يىل6 - ئاينىڭ20 - كۈنى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى جەنۋەدە بىر تۈرلۈك چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سۆزلىشىش لىنىيىسى تەسىس قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى كرىزىس كېلىپ چىققاندا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. قىزىق لىنىيە مانا مۇشۇنداق شەكىللەندى. ھازىرقى قىزىق لىنىيىنىڭ پۈتكۈل ئۈسكۈنىلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولغان ئىككى يۈرۈش پۈتۈنلەي ئوخشاش ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ئاپپاراتى ۋە فاكس ئاپپاراتىدىن تەشكىل تاپقان. «قىزىق لىنىيە» نىڭ بىر ئۇچى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بولغان بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئۇرۇش ئىشخانىسىغا، يەنە بىر ئۇچى موسكۋادىكى كرېمىل سارىيىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەسپىي تەرجىمانلىرى كېچە - كۈندۈز دىجورنىلىق قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دىپلوماتىيە بىلىملىرى