مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ك گ ب
دىپلوماتىيە بىلىملىرى
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ جاسۇسلۇق ۋە ئىشپىيونلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئامېرىكا ئاخبارات سىستېمىسىنى ماسلاشتۇرىدىغان باش ئورگان.1947 - يىلى7 - ئايدا، ئامېرىكا پارلامېنتى تۈزگەن «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» غا ئاساسەن قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. باش شتابى پايتەخت ۋاشىنگتوننىڭ شەھەر ئەتراپىغا يېقىن رانلېغا تەسىس قىلىنغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئۇ، زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئاخبارات مەسلىھەتچىسى. بۇ ئورگاندا16 مىڭ خادىم بار دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خادىملىرى بۇ ساندىن خېلىلا كۆپ.
فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىشپىيونلۇق ئورگىنى. ئۇ1908 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى فېدېراتسىيە قانۇنىغا خىلاپ بارلىق ئىشلارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل.
ك گ ب سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ روسچىدىكى قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورگىنى.1954 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، كېڭەيتىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى بولۇپ قۇرۇلغان. ئۇ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، دۆلەت ئىچىدىن دۆلەت سىرتىغىچە بولغان مۇستەقىل سىستېما بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپپاراتلىرى يەرلىكنىڭ ۋە شۇ ئورۇننىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغىلا بويسۇنىدۇ. ئۇنىڭ مەخپىي ساقچىلىرى بار، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاخبارات خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئاخباراتىنى توپلايدۇ.