رەسمىي زىيارەت، غەيرىي رەسمىي زىيارەت، دۆلەت مېھمىنى
دىپلوماتىيە بىلىملىرى
رەسمىي زىيارەت بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ يەنە بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە ئاساسەن، تەكلىپ قىلغان دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىنى كۆرسىتىدۇ. رەسمىي زىيارەت دوستانە زىيارەت ياكى رەسمىي دوستانە زىيارەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرى ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارەت دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دېيىلىدۇ. بۇ تۈردىكى زىيارەتنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى ئادەتتە داغدۇغىلىق بولىدۇ.
غەيرىي رەسمىي زىيارەت تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەت رەھبىرى شەخسىي سالاھىيەت بىلەن ئېلىپ بارىدىغان زىيارەت خۇسۇسىي زىيارەت دېيىلىدۇ؛ زىيارەتكە چىققان ئۆتەر يولدا مەلۇم بىر دۆلەتنى زىيارەت قىلسا، يول ئۈستىدىكى زىيارەت دېيىلىدۇ؛ مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاشكارا قىلىشقا قۇلايسىز بولغان زىيارەت مەخپىي زىيارەت دېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى غەيرىي رەسمىي زىيارەت بولۇپ، قائىدە - يوسۇنلىرى ئادەتتە ئاددىي بولىدۇ.
چەت ئەلدىن زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرى (پادىشاھ، زۇڭتۇڭ، رەئىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى (زۇڭلى، مىنىستىر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دۆلەت مېھمىنى دەپ ئاتىلىدۇ. باشقا رەھبەرلەرنى دۆلەت مېھمىنى دېيىشكە بولمايدۇ.