دۆلەت خېتى، نوتا، ئەسلىمە، ئاق تاشلىق كىتاب، ئۇلتىماتۇم
دىپلوماتىيە بىلىملىرى
بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكى خەت - ئالاقە نامى.
دۆلەت خېتى − بىر دۆلەت باش ئەلچى ياكى ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ۋەكىلىنى ئەۋەتكەن ياكى قايتۇرۇپ كەلگەندە، شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى ئەلچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ باشلىقىغا يوللىغان خېتى، باش ئەلچى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى دۆلەت خېتىنى باش ئەلچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ باشلىقىغا تاپشۇرىدۇ.
نوتا − دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدىكى بىر خىل ھۆججەت، ئۇ، پىكىر، پوزىتسىيە، مەيدانىنى ئىپادىلەش ياكى تېگىشلىك ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدۇ. نوتا رەسمىي نوتا، ئادەتتىكى نوتا، ئۇقتۇرۇش نوتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. رەسمىي نوتا نوتىدا بايان قىلىنغان مەسىلىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەسلىمە − مەلۇم بىر مەسىلىدە ۋەقەلىكنىڭ جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان دىپلوماتىيە ھۆججىتى. ئەسلىمە ئادەتتىكى قەغەزگە يېزىلىدۇ، ئورگان ئىشلىتىدىغان قەغەز بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇلمايدۇ، تامغا بېسىلمايدۇ. ئەسلىمىنى يۈزتۇرا تاپشۇرۇشقىمۇ، مۇستەقىل ھۆججەت قاتارىدا يوللاشقىمۇ ۋە ياكى دىپلوماتىيە نوتىسىنىڭ قوشۇمچىسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ھازىر ئەسلىمىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. بەزى خەلقئارا يىغىنلاردا ئەسلىمە يىغىننىڭ قارارى، ئاخباراتنىڭ قوشۇمچىسى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
ئاق تاشلىق كىتاب − بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى ياكى پارلامېنتى رەسمىي ئېلان قىلغان مۇھىم ھۆججەت، ئادەتتە مۇقاۋىسى ئاق قىلىپ ئىشلەنگەچكە، ئاق تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ. مەسىلەن،1949 - يىل8 - ئاينىڭ5 - كۈنى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئېلان قىلغان «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى» دېگەن ئاق تاشلىق كىتاب. ئەنگلىيىنىڭ بۇ تۈردىكى ھۆججەتلىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئادەت بويىچە كۆك رەڭ ئىشلىتىلگەچكە، كۆك تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ؛ ئىسپانىيە قىزىل رەڭ ئىشلەتكەچكە، قىزىل تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ؛ ئىتالىيە يېشىل رەڭ ئىشلەتكەچكە، يېشىل تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتنىڭ ھۆججىتىدە ئىشلىتىدىغان رەڭ بىر خىل بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
ئۇلتىماتۇم لاتىن تىلىدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، سۆھبەت بۇزۇلۇشتىن ئىلگىرىكى «ئەڭ ئاخىرقى سۆز» دېگەن مەنىگە ئىگە. ئادەتتە ئۇنىڭدا بىر دۆلەت مەلۇم بىر مەسىلىنى قارشى تەرەپكە يېزىقچە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قوبۇل قىلىشنى شەرت قىلىدۇ ۋە بولمىسا مەلۇم خىلدىكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى، جۈملىدىن قورال كۈچى ئىشلىتىش، ئالاقىنى ئۈزۈش، قامال قىلىپ زەربە بېرىش قاتارلىقلارنى قوللىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.