UyghurWiki
UyghurWikiدېھقانلار قوزغىلىڭىچېن شېڭ ۋۇ گۇاڭ قوزغىلىڭى

چېن شېڭ ۋۇ گۇاڭ قوزغىلىڭى

دېھقانلار قوزغىلىڭى چىن شىخۇاڭنىڭ ئوغلى خۇ خەي پادىشاھ بولغان تۇنجى يىلى(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى209 - يىلى) دېھقانلار كالېندارى بويىچە7 - ئاينىڭ1 - كۈنى، يىراق چېگرىغا ھاشارغا ئەۋەتىلگەن900 نەچچە نامرات دېھقان قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ چىشيەن ناھىيىسىنىڭ دازېشياڭ يېزىسى (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى سۇشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) دا توسۇلۇپ قېلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ھاشارغا بارالمىدى. چىن سۇلالىسىنىڭ قانۇنى بويىچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىش ئورنىغا يېتىپ بارالمىغانلارنىڭ كاللىسى ئېلىناتتى. مۇشۇنداق ئارىسالدىلىق ئىچىدە تۇرغاندا، بىر ھاشارچى سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن بېلىقنىڭ قورسىقىدىن بېشارەتنامە چىقتى، ئۇنىڭغا قىزىل قەلەم بىلەن «پادىشاھ چېن شېڭ» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. ئاخشىمى ئۇلار تۇرۇۋاتقان جاينىڭ يېنىدىكى تاۋاپخانىنىڭ ئىچىدىن ئوت يالقۇنى كۆرۈنۈپ، تۈلكىنىڭ «بۈيۈك چۇ بەگلىكى قۇدرەت تاپىدۇ، چېن شېڭ پادىشاھ بولىدۇ» دەپ ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ھاشارچىلار بەس - بەستە غۇلغۇلا قىلىشىپ، بۇ، «تەڭرىنىڭ ئىرادىسى» ئوخشايدۇ دېيىشتى. چېن شېڭ بۇ بىر تۈركۈم ھاشارچىلار ئارىسىدىكى بىر ئەترەت باشلىقى ئىدى. ئۇ خېنەننىڭ دېڭفېڭ ناھىيىسىدىن بولۇپ، ياللانما ئەمگەكچى چاغلىرىدىلا كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار غايە پۈكۈپ، چىن سۇلالسىنىڭ زوراۋان ھاكىمىيىتىگە قاتتىق نارازى بولغانىدى. بۇ قېتىم ھاشار ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، ھايات - ماماتلىق جىددىي پەيتكە دۇچ كەلگەندە، ئۇ يەنە بىر ئەترەت باشلىقى ۋۇ گۇاڭ بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چىن سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇشنى پىلانلىدى، بېشارەتنامە ۋە تۈلكىنىڭ ھۇۋلىشى ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئەپچىل چارىسى ئىدى. ئارقىدىنلا، ئۇلار ئۆزلىرىنى يالاپ ئېلىپ ماڭغان لەشكەر بېشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. چېن شېڭ كۆپچىلىككە مەردانىلىك بىلەن: «بىز ھاشارغا ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىدۇق، ئەمدى كاللىمىز ئېلىنىدۇ، كاللىمىز ئېلىنمىغان تەقدىردىمۇ، چېگرانى قوغداش جەريانىدا ئونىمىزدىن ئالتە، يەتتىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز. ئەركەك دېگەن مەردلەرچە ئۆلۈشى كېرەك. ئەجەبا بەگ - غوجاملار تۆرىلىشىدىنلا بەگ - غوجاممىدى؟» دېدى. يوقسۇللار ئۇنىڭ پىكرىگە بىردەك ئاۋاز قوشۇپ، بامبۇك خادىسىدىن ياسالغان تۇغلىرىنى ئېلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى. چېن شېڭ ئۆزىنى سانغۇن، ۋۇ گۇاڭنى كاھبېگى قىلىپ تەيىنلەپ، ھاشارچىلارنى باشلاپ يەڭلىرىنى شىمايلاپ، تاۋاپ سۇپىسى ياساپ تەڭرىگە نەزىر بېرىپ، چىن سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇشقا قەسەمياد قىلدى. قوزغىلاڭچى قوشۇن بىرلا ھۇجۇم بىلەن دازېياڭ يېزىسى ۋە چىشيەن ناھىيىسىنى ئىگىلەپ، چېن شەھىرى (ھازىرقى خېنەندىكى خۇەيياڭ) گە كەلگەندە600 -700 ھارۋا،1000 نەچچە ئاتلىق لەشكەر، بىرنەچچە تۈمەن پىيادە لەشكەرگە ئىگە ھەيۋەتلىك دېھقانلار قوشۇنى بولۇپ تەشكىللەندى. قوزغىلاڭچى قوشۇن چېن شەھىرىدە ھاكىمىيەت قۇرۇپ، دۆلەت نامىنى «جاڭچۇ» دەپ ئاتىدى، چېن شېڭ پادىشاھ بولدى. ھەرقايسى جايلاردىكى دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈپ، ۋىلايەت، ناھىيىلەرنى ئىگىلەپ قوزغىلاڭغا قوشۇلغاچقا، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئادىمى ناھايىتى تېزلىكتە بىرنەچچە100 مىڭغا يەتتى. چېن شېڭ ۋۇ گۇاڭنى شىڭياڭغا ھۇجۇم قىلىشقا، جۇ ۋېننى گۇەنجۇڭغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. شۇ يىلى كۈزدە، جۇ ۋېن قوشۇن باشلاپ شىشۇي (ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىدىكى لىنتۇڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقى) گە ھۇجۇم قىلدى، بۇ جاي چىن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى شيەنياڭغا50 نەچچە كىلومېتىرلا كېلەتتى. بۇنىڭدىن چىن سۇلالىسى ئوردىسى ساراسىمىگە چۈشتى - دە، ئالدىراپ - تېنەپ قوشۇن يۆتكەپ، جاڭ خەننى قوشۇن باشلاپ قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. جۇ ۋېن ھەرقايسى يولدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولالماي مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈۋالدى. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىچكى ماجىرا يۈز بېرىپ، ۋۇ گۇاڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇنمۇ تارمار قىلىندى. جاڭ خەن قوشۇن باشلاپ چېن شېڭنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا قىستاپ كەلدى، چېن شېڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلدى، بىراق ئۆزىدىن كۆپ دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي، چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى، چېكىنىش يولىدا ئاسىي ھارۋىكەش جۇاڭ جيا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. چېن شېڭ، ۋۇ گۇاڭ قوزغىلىڭى جۇڭگو تارىخىدىكى كەڭ كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. گەرچە چېن شېڭ، ۋۇ گۇاڭلار قۇربان بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قوزغىغان قوزغىلاڭ بورىنى ئاخىر چىن سۇلالىسىنىڭ ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
← بارلىق تېمىلار دېھقانلار قوزغىلىڭى