خۇاڭ چاۋ قوزغىلىڭى
دېھقانلار قوزغىلىڭى
خۇاڭ چاۋ ساۋجۇ ئايمىقىنىڭ يۈەنجۇ ناھىيىسى (ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى خېزېنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) دىن، چامباشچىلىق ماھارىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپلا قالماي، تارىخنامىلەرنى پىششىق ئوقۇغان ئوقۇمۇشلۇق زات بولۇپ، قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ كامالەتكە يەتكەنىدى. تاڭ سۇلالىسى چيەنفۇ يىلىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە874 - يىلى) ۋاڭ شيەنجى چاڭيۈەن (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى چاڭيۈەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) دە قوزغىلاڭ كۆتۈردى، خۇاڭ چاۋ بىرنەچچە مىڭ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ ئاۋاز قوشتى، قوزغىلاڭچى قوشۇن ناھايىتى تېزلىكتە زورىيىپ، ئادىمى بىرنەچچە10 مىڭغا يەتتى. ۋاڭ شيەنجى ئوردىنىڭ يۇقىرى ئەمەل ۋە مول تەمىناتقا، قىزىقتۇرۇشى ئارقىسىدا بىر مەھەل تەۋرىنىپ، تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى بولۇشقا تەييارلانغاندا، خۇاڭ چاۋ قاتارلىق سانغۇنلارنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. خۇاڭ چاۋ ۋاڭ شيەنجىنى راسا بىر دۇمبالىغاندىن كېيىن، قوشۇننى بۆلۈپ جەڭ قىلدى. ۋاڭ شيەنجى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇاڭ چاۋ قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ سەردارلىقىغا كۆرسىتىلىپ، «پەلەكنى بۆسكۈچى بۈيۈك سانغۇن» دەپ ئاتالدى.
قوزغىلاڭچى قوشۇن خۇاڭ چاۋنىڭ رەھبەرلىكىدە خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى، جۇجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دەريا ۋادىسىنى كېزىپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى. مىلادىيە879 - يىلى قوزغىلاڭچى قوشۇن گۇاڭجۇنى ئىگىلەپ، لىڭنەننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى كونترول قىلدى، قوشۇن زورىيىپ ئادىمى مىليون كىشىگە يەتتى. ئارقىدىنلا خۇاڭ چاۋ قوشۇننى باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، مىلادىيە880 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا لوياڭنى ئىگىلىدى. كېيىنكى يىلىنىڭ بېشىدا تۇڭگۇەندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، چاڭئەننى ئالدى. تاڭ شىزۇڭ سىچۇەنگە قاچتى.
خۇاڭ چاۋ چاڭئەن شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن دېھقانلار ھاكىمىيىتى قۇرۇپ، دۆلەت نامىنى بۈيۈك چى دەپ ئاتاپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلىدى، يىلنامىنى جىنتۇڭ دەپ بېكىتتى. بۈيۈك چى ھاكىمىيىتى زور بىر تۈركۈم چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى، چوڭ بيۇروكراتلارنى باستۇردى. بىراق خۇاڭ چاۋ پادىشاھ بولغاندىن كېيىن مەغرۇرلىنىپ، غەلىبىسېرى سىچۇەنگە يۈرۈش قىلىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى يوقاتمىدى، شۇنداقلا قوشۇن ئەۋەتىپ چاڭئەن ئەتراپلىرىنى كونترول قىلىپ تايانچ بازىلىرىنى كېڭەيتمىدى، بۇ، تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. مىلادىيە883 - يىلى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى كۈچ توپلاپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، خۇاڭ چاۋنىڭ قول ئاستىدىكى سانغۇن جۇ ۋېن ئاسىيلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، چاڭئەن شەھىرىدە ئاشلىق يېتىشمەي قالغانلىقتىن، قوزغىلاڭچى قوشۇن چاڭئەننى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئاخىر شەندۇڭغا چېكىندى. مىلادىيە884 - يىلى خۇاڭ چاۋ تەيشەن تېغىدىكى لاڭخۇگۇ جىلغىسىدا قورشاۋغا چۈشۈپ قېلىپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلۈۋالدى.
خۇاڭ چاۋ قوزغىلىڭى ۋېي، جىن سۇلالىلىرىدىن بۇيانقى چىرىك ئېسىلزادىلەر كۈچىنى يوقىتىپ، پومېشچىكلار سىنىپىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى يىمىرىپ تاشلىدى.