UyghurWiki
UyghurWikiدېھقانلار قوزغىلىڭىمىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى

مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى

دېھقانلار قوزغىلىڭى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئاچارچىلىق ۋە سوغۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان دېھقانلار بەس - بەستە قوزغىلىپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇغ كۆتۈردى. مىلادىيە1635 - يىلى دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ13 قىسىم،72 بارگاھىنىڭ سەردارلىرى شىڭياڭ (ھازىرقى خېنەندىكى شىڭياڭ ) غا يىغىلىپ، مىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قورشاپ يوقىتىشىنى تارمار قىلىش پىلانى توغرىسىدا بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتى. بىر ياش سانغۇن «قوشۇننى بۆلۈپ بەلگىلەنگەن نىشان بويىچە ئىلگىرىلەش، تۆت يولدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش» تەك بىرلىشىپ جەڭ قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى قوشۇن سەردارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ، دەل كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ مىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرغان لى زىچېڭ ئىدى. لى زىچېڭ شەنشىنىڭ مىجى ناھىيىسىدىن، شەنشىدە ئاچارچىلىقتا قالغان دېھقانلارنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى، كېيىن گاۋ يىڭشياڭغا قوشۇلۇپ «باھادىر سەركەردە» دەپ ئاتىلىپ، ئۆز ئالدىغا بىر بۆلەك قوشۇننى باشلاپ جەڭ قىلدى. چۇڭجېننىڭ9 - يىلى (مىلادىيە1636 - يىلى) گاۋ يىڭشياڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قۇربان بولدى، لى زىچېڭ «باھادىر شاھ» لىققا كۆرسىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن لى زىچېڭنىڭ قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، جاڭ شيەنجۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن بىرلىكتە مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئىككى ئاساسلىق قوشۇنى بولۇپ قالدى. مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قارىتا يوقىتىش بىلەن ئەل قىلىشنى تەڭ يولغا قويدى، قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلغاچقا، ئارقا - ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. چۇڭجېننىڭ11 - يىلى (مىلادىيە1638 - يىلى) لى زىچېڭ شەنشىدىكى تۇڭگۇەننىڭ جەنۇبىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ، ئاران18 ئاتلىق ئەسكىرىنى باشلاپ قېچىپ قۇتۇلدى ھەمدە شەنشىنىڭ جەنۇبىدىكى شاڭلۇ تاغلىرىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ تەجرىبە - ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلدى. جاڭ شيەنجۇڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ «دالالەت» ىنى قوبۇل قىلدى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ يۆتكىشىنى رەت قىلدى. كېيىنكى يىلى جاڭ شيەنجۇڭ يەنە قوشۇن باشلاپ مىڭ سۇلالىسىگە قارشى چىقتى. لى زىچېڭمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خۇبېيغا ھۇجۇم قىلدى. لى زىچېڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى يەرلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى، باج - سېلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشىدەك ئەھۋالغا قارىتا، «يەرنى تەڭشەش، غەللە - پاراقتىن خالاس قىلىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. ئەينى ۋاقىتتا: «قوي سويۇپ، مەي تەييارلاپ، قوۋۇقنى ئېچىپ كۈتۈۋالايلى، باھادىر شاھنى، باھادىر شاھ كەلسە ئالماس بىزدىن غەللە - پاراقنى» دېگەن قوشاق تارقالغانىدى.1641 - يىلى لى زىچېڭ قوشۇن باشلاپ لوياڭنى ئېلىپ، ئەسكىلىكتە ئۇچىغا چىققان فۇ ۋاڭ − جۇ چاڭشۈننى ئۆلتۈرۈپ، ئامبارلارنى ئېچىپ ئاشلىقلارنى تارقىتىپ، ئاچارچىلىقتا قالغان پۇقرالارنى قۇتقۇزدى، ئادىمى1 مىليونغا كۆپىيىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولۇپ قالدى،1643 - يىلى گۇەنجۇڭغا ھۇجۇم قىلىپ، چاڭئەننى ئىگىلىدى. كېيىنكى يىلى1 - ئايدا بۈيۈك شۈن ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، يىلنامىسىنى يۇڭجاڭ دەپ بېكىتتى. دېھقانلار كالېندارى بويىچە3 - ئاينىڭ19 - كۈنى، لى زىچېڭ قوشۇن باشلاپ بېيجىڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى. چۇڭجېن پادىشاھ مېيشەن تېغى (ھازىرقى جىڭشەن تېغى) دا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. مىڭ سۇلالىسى دېھقانلار قوشۇنى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. شۇ يىلى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان جاڭ شيەنجۇڭ پۈتكۈل سىچۇەننى ئېگىلەپ چېڭدۇدا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، بۈيۈك شى دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى قۇردى. مىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇش بىلەن تەڭلا، شەنخەيگۇەننىڭ سىرتىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى كەڭ كۆلەمدە جەنۇبقا يۈرۈش قىلدى. شەنخەيگۇەننى قوغداۋاتقان مىڭ سۇلالىسىنىڭ باش بۇغى ۋۇ سەنگۇي مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دېھقانلار قوشۇنىغا بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلدى، لى زىچېڭ ئالدىراش - تېنەشلا جەڭگە چىقىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بېيجىڭدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.1645 - يىلى لى زىچېڭ خېبېينىڭ تۇڭشيەن ناھىيىسىدىكى جيۇگۇڭشەن تېغىدا پومېشچىكلار قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ39 يېشىدا قازا قىلدى.1646 - يىلى چىڭ قوشۇنلىرى سىچۇەنگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، جاڭ شيەنجۇڭ شىچۇڭدىكى فېڭخۇاڭشەن تېغىدا قازا قىلدى. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قالدۇق قىسمى مىڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قاتنىشىپ، كۈرەشنى20 يىلغا يېقىن داۋاملاشتۇردى
← بارلىق تېمىلار دېھقانلار قوزغىلىڭى