UyghurWiki
UyghurWikiدېھقانلار قوزغىلىڭىسۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى

سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى

دېھقانلار قوزغىلىڭى سۈي ياڭدىنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ غەزىپى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىدى. سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تۇنجى تۇغىنى چاڭبەيشەن (ھازىرقى شەندۇڭدىكى زۇپىڭ، جاڭچيۇ ناھىيىسى چېگرىسىدا) لىك ۋاڭ بو مىلادىيە611 - يىلى تىكلىدى. ئۇ ئۆزىنى «جاھاندىن خەۋەردار بەگ» دەپ ئاتاپ، «لياۋدۇڭ مۇساپىرلىرى غەزىلى» نى يېزىپ چىقتى. ئۇ غەزىلىدە «يەتسە گەر قۇلىقىمغا ئوردا قوشۇنىنىڭ كەلگىنى، قىنىدىن سۇغۇرۇپ قىلىچنى باسىمەن ئالغا، جان تەسەددۇق قىلسام ئەگەر لياۋدۇڭدا، بېشىم كېسىلسىمۇ زەخىم يەتمىسۇن تېنىمگە ئەسلا» دەپ، سۈي ياڭدىنىڭ قوشۇن تارتىپ كورېيىگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، دېھقانلارنى قوزغىلىپ سۈي سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. قوزغىلاڭ تۇغى كۆتۈرۈلۈشى بىلەنلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئاۋاز قوشۇپ، تېزلا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى شەكىللەندى. بىرنەچچە يىللىق كۈرەش ئارقىلىق دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنى تەدرىجىي ھالدا دۇ جيەندې رەھبەرلىكىدىكى خېبېي قوزغىلاڭچى قوشۇنى، جەي راڭ، لى مىلار رەھبەرلىكىدىكى ۋاگاڭ قوشۇنى ۋە دۇ فۇۋېي، فۇ گۇڭشىلار رەھبەرلىكىدىكى جياڭ - خۇەي قوزغىلاڭچى قوشۇنىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق ئاساسىي كۈچ بولۇپ شەكىللەندى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋاگاڭ قوشۇنىنىڭ كۈچى ئەڭ زور ئىدى. ۋاگاڭ قوشۇنىغا ئەسلىدە جەي راڭ رەھبەرلىك قىلغانىدى. جەي راڭ ئەمەلدارلار مەھكىمىسىدە كىچىك ئەمەلدار بولغان بولۇپ، گۇناھ سادىر قىلغاچقا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، گۇندىپاي ئۇنى قەھرىمان دەپ ھۆرمەتلەپ، ئوغرىلىقچە قاچۇرۇۋەتكەنىدى. جەي راڭ ۋاگاڭ قورغىنى (ھازىرقى خېنەندىكى خۇاشيەن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا) غا قېچىپ بېرىپ سۈي سۇلالىسىگە قارشى تۇغ كۆتۈرۈپ چىقتى ھەمدە مۇشۇ جاينى بازا قىلدى. ھەرقايسى يول قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ سەردارلىرىمۇ بەس - بەستە ئادەملىرىنى باشلاپ ئۇنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، سۈي سۇلالىسىگە قارشى قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈردى. مىلادىيە616 - يىلى ئاقسۆڭەك پەرزەنتى لى مى ۋاگاڭ قوشۇنىغا قاتناشتى. لى مىنىڭ پىلانلىشى ئاستىدا ۋاگاڭ قوشۇنى شىڭياڭدىكى داخەيسى ئىبادەتخانىسىغا بۆكتۈرمە قويۇپ، سۈي سۇلالىسىنىڭ بىر بۆلەك قوشۇنىنى قورشاپ يوقىتىپ، سۈي سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى جاڭ شۈيتونى ئۆلتۈردى. كېيىنكى يىلى يەنە سۈي سۇلالىسىنىڭ چوڭ ئاشلىق ئامبىرى شىڭلۇ ئامبىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىكى ئاشلىقلارنى خەلققە تارقىتىپ بېرىپ، ۋاگاڭ قوشۇنىنىڭ ھەيۋىسىنى زورايتتى. ۋاگاڭ قوشۇنى زورىيىپ ئادىمى بىرنەچچە100 مىڭغا يېتىپ، سۈي قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، سۈي سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش كۈرىشىدە زور رول ئوينىدى. كېيىن لى مى پۈتكۈل قوشۇننىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، جەي راڭنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقتىن ئايرىلىپ قالدى.618 - يىلى لى مى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ تاڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولدى، ۋاگاڭ قوشۇنى يىمىرىلدى. دۇ جيەندې جاڭنەن (ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋۇچېڭ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) لىك، باتۇر ئەزىمەت، ئۇ، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قاتناشتى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغاچقا، ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ خېبېي رايونىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىپ،100 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە بولدى.618 - يىلى دۇجيەندې خېبېينىڭ كۆپ قىسىم ئايماق، ناھىيىلىرىنى ئىگىلەپ ئۆزىنى شيا خانى دەپ جاكارلاپ، لېشۇ (ھازىرقى خېبېيدىكى شيەنشيەن ناھىيىسى) نى پايتەخت قىلدى. كېيىنكى يىلى پايتەختنى مىڭجۇ (ھازىرقى خېبېيدىكى يۇڭنيەن) غا كۆچۈردى.621 - يىلى تەكەببۇرلۇق قىلىپ دۈشمەننى سەل چاغلىغاچقا، لى شىمىننىڭ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. دۇ جيەندې يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ، چاڭئەندە ئۆلتۈرۈلدى. دۇ فۇۋېي، فۇ گۇڭشىلار شەندۇڭدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خۇەينەندە ئايلىنىپ جەڭ قىلىپ، سۈي سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار ۋۇ پادىشاھلىقىنى قۇردى، دۇ فۇۋېي ئۆزىنى باش بۇغ دەپ ئاتىدى. مىلادىيە619 - يىلى ئۇلار قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ، تاڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولدى. ھەرقايسى تارماق دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ زەربىسىدە، چىرىك ھەم قەبىﮫ سۈي سۇلالىسى مىلادىيە618 - يىلى ھالاك بولدى. لېكىن قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ سۈي سۇلالىسىنى يوقىتىشتەك غەلىبە مېۋىسى لى يۈەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، لى يۈەن618 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنى قۇردى.
← بارلىق تېمىلار دېھقانلار قوزغىلىڭى
سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى | UyghurWiki | UyghurWiki