لۈيلىنلىقلار قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭى
دېھقانلار قوزغىلىڭى
ۋاڭ ماڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تەبىئىي ئاپەتلەر ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى تەسكە چۈشتى، پۇقرالار يىلتىز كولاپ يەپ كۈن ئۆتكۈزدى. يىلتىزلارمۇ كۈندىن - كۈنگە ئازلاپ كەتكەچكە، ئاچارچىلىقتا قالغان پۇقرالار بەزىدە (ئوت - چۆپ يىلتىزىنى) تالىشىپ ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتى، شىنشى (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جىڭشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالى) لىق ۋاڭ كۇاڭ، ۋاڭ فېڭ ئاكا - ئۇكىلار تالاش - تارتىش قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلىپ ئادىل يول تۇتقاچقا، ئاچارچىلىقتا قالغان پۇقرالارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. مىلادىيە17 - يىلى ۋاڭ كۇاڭ، ۋاڭ فېڭلار ئاچارچىلىقتا قالغان پۇقرالارغا باشلامچىلىق قىلىپ پومېشچىكلارنىڭ قەسىرلىرىنى ئىگىلەپ، ئاشلىقلىرىنى تارتىۋېلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈردى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ليۇ شۈەن، ليۇ شيۇلارمۇ بۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتناشتى. قوزغىلاڭچى قوشۇن لۈيلىن تېغى (ھازىرقى خۇبېيدىكى داخۇڭشەن تېغى) نى بازا قىلغاچقا، «لۈيلىنلىقلار قوشۇنى» دەپ ئاتالدى. كېيىن «لۈيلىن ئەزىمەتلىرى» زوراۋانلارنى يوقىتىپ ئاجىزلارنى يۆلەيدىغان، بايلارنى بۇلاپ يوقسۇللارنى قۇتقۇزىدىغان تار مەنىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ قالدى.
مىلادىيە18 - يىلى لاڭيا (ھازىرقى شەندۇڭدىكى جۇچېڭ) لىق فەن چۇڭ ھازىرقى شەندۇڭنىڭ جۈيشيەن ناھىيىسىدە ئاچارچىلىقتا قالغان100 نەچچە ئادەمگە باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى، قوزغىلاڭچىلار ناھايىتى تېزلىكتە بىرنەچچە تۈمەن ئادەمگە كۆپىيىپ، شەندۇڭ، خېنەن ئەتراپلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى. ئۇلار ئوردا لەشكەرلىرىدىن پەرقلىنىش ئۈچۈن قاشلىرىنى قىزىل رەڭدە بويىۋالغاچقا، «قىزىل قاشلىقلار قوشۇنى» دەپ ئاتالدى. بۇ قوشۇننىڭ ئىنتىزامى چىڭ بولۇپ، «ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.
مىلادىيە23 - يىلى ۋاڭ ماڭ جاي - جايلاردىن420 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قوشۇن توپلاپ مىليون كىشىلىك قوشۇن دەپ ئاتاپ، لۈيلىنلىقلار قوشۇنىنى باستۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبقا ئاتلىنىپ، لۈيلىنلىقلار قوشۇنىنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى كۇنياڭ شەھىرىنى قاتمۇقات قورشىۋالدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، ليۇ شيۇ قورشاۋنى بۆسۈپ شەھەردىن چىقىپ ياردەمچى قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئىچى - سىرتىدىن ماسلىشىپ ۋاڭ ماڭ قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، كۇنياڭدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئارقىدىنلا لۈيلىنلىقلار قوشۇنى غەلىبىسېرى شىمالغا يۈرۈپ، خۇددى كۈز شامىلى غازاڭلارنى سۈپۈرگەندەك ھەيۋەت بىلەن چاڭئەن ۋە لوياڭنى ئالدى. ۋاڭ ماڭ ئۆلتۈرۈلدى، شىن سۇلالىسى گۇمران بولدى.
لۈيلىنلىقلار قوشۇنى چاڭئەننى ئىگىلىگەندىن كېيىن، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ئاقسۆڭەك ليۇ شۈەننى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ليۇ شۈەن كېيىن ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپاغا بېرىلىپ، لۈيلىنلىقلار قوشۇنىنىڭ ۋاڭ كۇاڭ قاتارلىق سەركەردىلىرىنى چەتكە قاقتى. ۋاڭ كۇاڭ قاتارلىقلار قىزىل قاشلىقلار قوشۇنىغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى. قىزىل قاشلىقلار قوشۇنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاڭئەننى ئىگىلەپ، ليۇ شۈەننى قوغلىۋەتتى. لېكىن گۇەنجۇڭدىكى زوراۋان پومېشچىكلار ئاشلىقنى يوشۇرۇپ قويغانلىقى ھەمدە قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ قىزىل قاشلىقلار قوشۇنىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، قىزىل قاشلىقلار قوشۇنى پۇت دەسسەپ تۇرالماي، ئامالسىز شەرققە چېكىندى. بۇ چاغدا، ليۇ شۈەن تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ خېبېيغا كەلگەن ليۇ شيۇ ئاللىقاچان شەرقىي خەن ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، دېھقانلار قوشۇنىغا ئاسىيلىق قىلغانىدى. قىزىل قاشلىقلار قوشۇنى خېنەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا كەلگەندە شەرقىي خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى، قىزىل قاشلىقلار قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۆلتۈردى.
لۈيلىنلىقلار، قىزىل قاشلىقلار قوزغىلىڭى10 يىل داۋاملىشىپ، پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.