UyghurWiki
UyghurWikiدېھقانلار قوزغىلىڭىۋاڭ شياۋبو لى شۇن قوزغىلىڭى

ۋاڭ شياۋبو لى شۇن قوزغىلىڭى

دېھقانلار قوزغىلىڭى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، سىچۇەندىكى يەرلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى دۆلەتمەنلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالدى، كەڭ ياللانما دېھقانلار ئېغىر باج - سېلىقنى زىممىسىگە ئېلىپ، ناھايىتى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈردى. مىلادىيە993 - يىلى باھاردا، ۋاڭ شياۋبو بىر يەرگە جەم بولغان100 نەچچە جاپاكەش قېرىنداشلىرىغا: «مەن نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ باراۋەرسىزلىكىگە قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، بۈگۈندىن باشلاپ مەن كۆپچىلىك ئۈچۈن تەڭسىزلىكنى تەڭشەيمەن» دەپ يالقۇنلۇق خىتاب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «باي - كەمبەغەللىكنى تەڭشەش» نى ھەرىكەت شوئارى قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى چىڭچېڭ (ھازىرقى سىچۇەن ئۆلكىسى گۇەنشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دا پارتلىدى. قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، نامرات دېھقانلار شۇئان قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشتى، قوزغىلاڭچى قوشۇن زورىيىپ ئادىمى10 نەچچە مىڭغا يەتتى. ۋاڭ شياۋبو قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ ئاۋۋال چىڭچېڭ ناھىيە بازىرىنى ئىگىلىدى، ئارقىدىنلا پېڭشيەن ناھىيىسىنى ئىگىلەپ، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى ناھىيە ئامبىلىنى ئۆلتۈردى. قوزغىلاڭچى قوشۇن بارغانلىكى جايدا پومېشچىك - ئېسىلزادىلەرنىڭ ئارتۇق مال - مۈلۈكلىرىنى ۋە ئاشلىقلىرىنى تارتىۋېلىپ نامراتلارغا تەقسىملەپ بەردى. مىلادىيە994 - يىلى باھاردا، قوزغىلاڭچى قوشۇن جياڭيۈەن ناھىيىسى (ھازىرقى سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى چۇڭچىڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىدە) گە ھۇجۇم قىلدى. كەسكىن جەڭدە ۋاڭ شياۋبونىڭ بېشىغا يا ئوقى تەگدى، لېكىن ئۇ ئاغرىققا پىسەنت قىلماي باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ باش سانغۇنىنى ئۆلتۈردى. ئۇزاق ئۆتمەي ۋاڭ شياۋبونىڭ يارىسى ئېغىرلىشىپ ۋاپات بولدى، قوزغىلاڭچى قوشۇن ۋاڭ شياۋبونىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسى لى شۇننى سەردار قىلىپ تىكلەپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى. شۇ يىلى قوزغىلاڭچى قوشۇن چېڭدۇنى ئىگىلىدى، لى شۇن ئۆزىنى «بۈيۈك شۇ خانى» دەپ ئاتىدى، قوزغىلاڭچى قوشۇن «چەبدەس، باتۇر قوشۇن» دەپ ئاتالدى. ئادىمى كۆپىيىپ بىرنەچچە100 مىڭغا يېتىپ، شىمالدا ميەنجۇ (ھازىرقى سىچۇەندىكى ميەنياڭ) دىن شەرقتە ۋۇشياغىچە بولغان جايلاردىكى زور كۆپ قىسىم ئايماق، ناھىيىلەرنى كونترول قىلدى. سۇڭ تەيزۇڭ باستۇرۇش ئۈچۈن سىچۇەنگە زور قوشۇن ئەۋەتىپ، چېڭدۇغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. شەھەردىكى چەبدەس، باتۇر قوشۇندىكى100 نەچچە مىڭ كىشى لى شۇننىڭ رەھبەرلىكىدە ئاداققىچە جەڭ قىلىشقا قەسەم ئىچىشتى، لېكىن سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ كۈچى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولغاچقا، چېڭدۇ قولدىن كەتتى، لى شۇن ئىز - دېرەكسىز غايىب بولدى. ۋاڭ شياۋبو، لى شۇن قوزغىلىڭى جۇڭگو دېھقانلار ئۇرۇشى تارىخىدا تۇنجى قېتىم «باي - كەمبەغەللىكنى تەڭشەش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ قوزغىلاڭ جۇڭگو دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
← بارلىق تېمىلار دېھقانلار قوزغىلىڭى