UyghurWiki
UyghurWikiدېھقانلار قوزغىلىڭىقىزىل ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى

قىزىل ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى

دېھقانلار قوزغىلىڭى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى موڭغۇل - خەنزۇ پومېشچىكلىرى دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇم ۋە سىنىپىي ئېكسپىلاتاتسىيە يۈرگۈزگەچكە، مىللىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي زىددىيەت ئىنتايىن كەسكىنلەشتى. مىلادىيە1351 - يىلى يۈەن شۇندى150 مىڭ دېھقاننى خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەش ھاشىرىغا سالدى. ئىشلەمچىلەر ئىنتايىن ئېغىر ئەمگەك قىلاتتى، ئوزۇقلۇق ئاشلىقلىرى دائىم تۇتۇپ قېلىناتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋەبسىزلا قامچا يەيتتى ۋە جازاغا تارتىلاتتى، شۇڭا نارازىلىق كەيپىياتى يۇقىرى ئىدى. شىمالدىكى بەيليەنجياۋ دىنىنىڭ داھىيلىرى خەن شەنتۇڭ بىلەن ليۇ فۇتۇڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۈەن سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇلار يوشۇرۇنچە بىر كۆزلۈك تاش ئادەم ياساپ، «يوقتۇر جاھاندا يەكچەشمە تاش ئادەم، گەر بولسا پەيدا ئاستىن - ئۈستۈن بولار ئالەم» دېگەن خەتنى ئويۇپ، قېزىۋاتقان دەريا قىنىغا كۆمۈپ قويدى. دەريا قازغۇچىلار يەكچەشمە تاش ئادەمنى كولاپ چىقىرىپ قاتتىق ھەيران قېلىشتى ھەمدە جاھان راستتىنلا ئاستىن - ئۈستۈن بولىدىغان بولدى، دەپ قالدى. خەن شەنتۇڭ، ليۇ فۇتۇڭلار پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خېبېينىڭ يۇڭنيەن ناھىيىسىدىكى بەيلۇجۇاڭدا3000 ئادەمنى يىغىپ ئاق ئات، قارا كالا ئۆلتۈرۈپ قەسەم ئىچىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ھازىرلاندى. كۆپچىلىك خەن شەنتۇڭنى مىڭ بېگى قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار بىردەك باشلىرىغا قىزىل ياغلىق چېگىۋالغاچقا، «قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنى» دەپ ئاتالدى. ئويلىمىغان يەردىن مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچراپ، خەن شەنتۇڭ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. ليۇ فۇتۇڭ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ يىڭجۇ (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى پۇياڭ) غا كېلىپ شۇ جايدىكى بەيليەنجياۋ دىنىنىڭ سەردارى بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭ تۇغىنى قايتىدىن كۆتۈردى، جەنۇبتىكى بەيليەنجياۋ دىنى مۇرىتلىرىمۇ بەس - بەستە ئاۋاز قوشتى. ليۇ فۇتۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنى ئاساسلىقى شىمالدا جەڭ قىلغاچقا، شىمال قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنى دەپ ئاتالدى. بۇ چاغدا، باشقا قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنلىرىدىن: خۇبېيدىكى شۈي شۇخۇي ۋە پېڭ باۋيۈي، بۇ ۋاڭسەن ۋە مېڭ خەيما، جياڭسۇدىكى جاۋ جۈنيۇڭ ۋە جى مالى، ئەنخۇيدىكى گو زىشىڭ قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنلىرى بار ئىدى. ليۇ فۇتۇڭ باشچىلىقىدىكى قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنى يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قورشاپ يوقىتىشىنى كۆپ قېتىم تارمار قىلىپ، خېنەن ۋە خۇەيخې دەرياسىنىڭ غەربىدىكى نۇرغۇن ئايماق، ناھىيىلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئىگىلەپ، ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىپ، نامراتلارنى قۇتقۇزدى، قوشۇن تەرەققىي قىلىپ ئادەم سانى نەچچە100 مىڭغا يەتتى. مىلادىيە1355 - يىلى ليۇ فۇتۇڭ خەن شەنتۇڭنىڭ ئوغلى خەن لىنئېرنى خاۋجۇ (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى خاۋشيەن ناھىيىسى) غا تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ، ئۇنى كىچىك مىڭ خانى قىلىپ تىكلەپ، ھاكىمىيەت قۇردى. جايلاردىكى قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنىنىڭ ھەممىسى كىچىك مىڭ خانىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلدى. مىلادىيە1357 - يىلى ليۇ فۇتۇڭ قوشۇننى ئۈچ يولغا بۆلۈپ يۈەن سۇلالىسىگە كەڭ كۆلەمدە جازا يۈرۈشى قىلدى. شەرقىي يولدىكى قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنى يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق (ھازىرقى بېيجىڭ) قا پەقەت100 نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان جىجۇغىچە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. بىراق ھەرقايسى تارماق قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ كۈچى تارقاق بولغاچقا، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ يوقىتىلىپ، شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى مەغلۇپ بولدى.1363 - يىلى ليۇ فۇتۇڭ مەردلەرچە قۇربان بولدى.1368 - يىلى جۇ يۈەنجاڭ رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ غەلىبە قازىنىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. جۇ يۈەنجاڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ داھىيسىدىن فېئودال پادىشاھقا ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار دېھقانلار قوزغىلىڭى