سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى
دېھقانلار قوزغىلىڭى
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھەرەمئاغىلىرى ھاكىممۇتلەقلىق قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەچكە، خەلق ئېغىر ئازاپ - ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى. ھازىرقى خېبېيدىكى پىڭشياڭلىق «دانىشمەن ئەۋلىيا» جاڭ جياۋ دېگەن كىشى «تەيپىڭ (ئامان - ئېسەنلىك) تەرىقىتى» دېگەن دىنىي تەشكىلاتنى قۇردى. تەيپىڭ تەرىقىتى جەمئىيەتتىكى ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلاتتى، شۇڭلاشقا نامرات ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. جاڭ جياۋ بىر تەرەپتىن كېسەل داۋالىسا، بىر تەرەپتىن دىن تارقىتىپ، دىنىي شەكىلدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى تەشكىللىدى،10 نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق تەيپىڭ تەرىقىتىگە ئىشىنىدىغانلار نەچچە100 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك قاپلىدى. جاڭ جياۋ مۇخلىسلىرىنى ھەربىي تۈزۈلمە بويىچە36 سۈلۈككە بۆلۈپ تەشكىللىدى. چوڭ سۈلۈكتە10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، كىچىك سۈلۈكتە6000 -7000 ئادەم بار ئىدى، جاڭ جياۋ ھەربىر سۈلۈككە سۈلۈك قوماندانلىرىنى قويۇپ، قوزغىلاڭغا ئاكتىپ تەييارلىق قىلدى.
جاڭ جياۋ جيازى يىلى (مىلادىيە184 - يىلى)3 - ئاينىڭ5 - كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇ «كۆك تەڭرى (شەرقىي خەن ھاكىمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ) كېتەر ئالەمدىن ئۆتۈپ، سېرىق تەڭرى (تەيپىڭ تەرىقىتىنى كۆرسىتىدۇ) تەختكە چىقار بولدى، مۇبارەك جيازى يىلى يېتىپ كېلىپ، جاھان خوۋلۇق - ئاسايىش تاپار بولدى» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاگىرتلىرىنى بۇ شوئارنى كەڭ - كۆلەمدە تارقىتىشقا بۇيرۇپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن جامائەت پىكرى تەييارلىدى. بىراق جيازى يىلى2 - ئايدا خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى تۈپەيلىدىن، ھۆكۈمەت ئادەم ئەۋەتىپ مۇخلىسلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرگەچكە، جاڭ جياۋ قوزغىلاڭنى مۇددەتتىن بۇرۇن كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا «سەككىز ئايماق تەڭ قوزغىلىپ»، نەچچە100 مىڭ دېھقان بىرلا ۋاقىتتا قولىغا قورال ئالدى. ئۇلار بېشىغا سېرىق ياغلىق چىگىۋالغاچقا، «سېرىق ياغلىقلىقلار قوشۇنى» دەپ ئاتالدى. جاڭ جياۋ ئۆزىنى ساماۋى سانغۇن دەپ ئاتىدى، ئۇنىڭ ئىنىلىرى جاڭ باۋ ۋە جاڭ لياڭلار زېمىنىي سانغۇن، ئىنسانىي سانغۇن دەپ ئاتالدى. سېرىق ياغلىقلىقلار قوشۇنى نۇرغۇن غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ، كۆپلىگەن ۋىلايەت، ناھىيىلەرنى ئىگىلەپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى پايتەختى لوياڭنى قورشاش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى. شەرقىي خەن ھۆكۈمرانلىرى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ، دەرھال لوياڭ ئەتراپىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى ھەمدە قوشۇن يۆتكەپ، ھەرقايسى جايلاردىكى سېرىق ياغلىقلىقلار قوشۇنىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. ھەرقايسى جايلاردىكى سېرىق ياغلىقلىقلار قوشۇنى باتۇرانە جەڭ قىلىپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى.
لېكىن، قوزغىلاڭ ئالدىراش - تېنەشلا كۆتۈرۈلگەچكە، جاڭ جياۋنىڭ ئاۋۋال لوياڭنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئەسلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. جايلاردىكى سېرىق ياغلىقلىقلار قوشۇنلىرى بۆلۈنۈپ جەڭ قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن كۈچ بولۇپ شەكىللىنەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ داھىيسى جاڭ جياۋ بەختكە قارشى كېسەل بولۇپ ئۆلدى. جايلاردىكى سېرىق ياغلىقلىقلار قوشۇنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرقىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. بىراق، بىرنەچچە ئاي داۋاملاشقان سېرىق ياغلىقلىقلار قوشۇنىنىڭ زەربىسىدە شەرقىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى لىڭشىپ قېلىپ، ئىسمى بار، جىسمى يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.