UyghurWiki
UyghurWikiدېھقانلار قوزغىلىڭىبەيليەنجياۋ قوزغىلىڭى

بەيليەنجياۋ قوزغىلىڭى

دېھقانلار قوزغىلىڭى بەيليەنجياۋ — چىڭ سۇلالىسىگە قارشى خەلق ئارىسىدىكى مەخپىي تەشكىلات. چىڭ سۇلالىسى جياچىڭنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە1796 - يىلى) خۇبېينىڭ جىجياڭ دېگەن يېرىدىكى بەيليەنجياۋنىڭ سەردارى نيې جيېرېن، جاڭ جېڭمو قاتارلىقلار «ھۆكۈمەت پۇقرالارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلدى» دېگەن چاقىرىق ئاستىدا، جىڭجۇ رايونىدا ئالدى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئارقىدىنلا شياڭياڭ (ھازىرقى خېبېيدىكى شياڭفەن) دىكى بەيليەنجاۋنىڭ سەردارى ۋاڭ سۇڭئېر (چى بېگى جەمەتىدىن)، ياۋجىفۇ قاتارلىقلار ۋە سىچۇەننىڭ داجۇ (ھازىرقى داشيەن ناھىيىسى) دېگەن يېرىدىكى بەيليەنجياۋنىڭ رەھبىرى شۈي تيەندې قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئاۋاز قوشتى. شەنشى، سىچۇەن، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەر ئۆزئارا تۇتاشقان جايلار قاتمۇقات تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ جايدا800 چاقىرىمغا سوزۇلغان بىر پارچە ئورمانلىق بار ئىدى، قوزغىلاڭچى قوشۇن مۇشۇ جايدا ھەرىكەتچان ئۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، گاھ تارقىلىپ، گاھ بىرلىشىپ، كۈچلۈك دۈشمەندىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاجىزىغا ھۇجۇم قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى قاتتىق ھالسىراتتى.1797 - يىلى ئايال قەھرىمان ۋاڭ سۇڭئېر قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قاتمۇقات قورشاۋىنى بۆسۈپ چىقىپ، خېنەن، شەنشىدىن ئۆتۈپ سىچۇەنگە كىرىپ، سىچۇەندىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن غەلىبىلىك ئۇچراشتى. ھەرقايسى يوللاردىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن كېڭىشىش ئارقىلىق قوشۇن شتاتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ھەمدە قوشۇنلارغا سېرىق، ئاق، كۆك، يېشىل قاتارلىق رەڭلەر بويىچە نام قويۇپ، ۋاڭ سۇڭئېرنى باش سەردارلىققا كۆتۈردى. ۋاڭ سۇڭئېر سېرىق بەلگىلىك ئاساسىي كۈچنى باشلاپ شەرققە يۈرۈش قىلىپ، يول بويى قىلغان جەڭلەردە ئۇدا غەلىبە قازىنىپ، ھەيۋىسى مىسلىسىز زورايدى.1798 - يىلى قوزغىلاڭچى قوشۇن شىئەنگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇزاققىچە ئالالماي چېكىنىپ، يۈنشى ناھىيىسىنىڭ يۈيخۇاپو دېگەن يېرىگە كەلگەندە چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى. ۋاڭ سۇڭئېر قوشۇننى باشلاپ جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۈچ ئاي بەرداشلىق بەردى، ئاخىر ئۆزىدىن سان جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالمىدى، ۋاڭ سۇڭئېر قىيادىن سەكرەپ مەردانىلەرچە قۇربان بولدى. باشقا بىرنەچچە تارماق قوزغىلاڭچى قوشۇن بىر تۇتاش قوماندانلىق كەم بولغاچقا، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن تارمار قىلىندى. بەيليەنجياۋ قوزغىلىڭى كۆپ يىل داۋاملىشىپ، بەش ئۆلكىگە كېڭەيدى. بۇ قوزغىلاڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق قوزغىلاڭ. قوزغىلاڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىشتىن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار دېھقانلار قوزغىلىڭى
بەيليەنجياۋ قوزغىلىڭى | UyghurWiki | UyghurWiki