فاڭ لا قوزغىلىڭى
دېھقانلار قوزغىلىڭى
سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شۈەنخې2 - يىلى (مىلادىيە1120 - يىلى)10 - ئاينىڭ بىر كېچىسى، چىڭشى (ھازىرقى جېجياڭدىكى چۇنئەن) دىكى چىيۈەن باغچىسىدا بىر توپ دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەخپىي قەسەمياد يىغىلىشى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. يىغىلىش رىياسەتچىسى كۆپچىلىككە: «بىز يەر تېرىپ، يىپەك توقۇپ، يىل بويى جاپالىق ئەمگەك قىلىمىز، ئەمما ئىشلەپچىقارغان ئاشلىق ۋە رەختلىرىمىزنى ھۆكۈمرانلار بۇزۇپ - چېچىپ تۈگىتىدۇ. ئۇلار ئازراقلا كۆڭلىگە ياقماي قالسا بىزنى قامچىلايدۇ، ھەتتا ئۆلۈشكە قىستايدۇ. سىلەر شۇنىڭغا رازىمۇ؟» دېدى، كۆپچىلىك دەرغەزەپكە كېلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا: «رازى ئەمەس!» دەپ جاۋاب بەردى، بۇ رىياسەتچى دەل مۇشۇ قېتىمقى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى فاڭ لا ئىدى.
فاڭ لا چىڭشىلىق بولۇپ، نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، چوڭ پومېشچىكقا ياللانما خىزمەتچى بولغان، پومېشچىكنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي، باشقىلارنى يېتەكلەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى. فاڭ لا ئۆزىنى «خىسلەتلىك تۆرە» دەپ ئاتاپ، يىلنامىسىنى «يۇڭلې» دەپ بېكىتىپ، ئەمەلدار ۋە سەركەردىلەرنى تەيىنلەپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. چىيۈەن باغچىسىدىكى قەسەمياد يىغىلىشىدىن كېيىن فاڭ لا قوزغىلاڭچى قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ، باستۇرۇشقا كەلگەن سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلدى. دەسلەپتە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ياراغلىرى يېتىشمىگەچكە، قوزغىلاڭچىلار تاغقا چىقىپ بامبۇك كېسىپ كېلىپ بامبۇكتىن ئۆتكۈر بامبۇك قىلىچلارنى، بامبۇك نەيزىلەرنى ياساپ، سۇڭ قوشۇنلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغاچقا، كۈچى تېزلىكتە زورايدى. قىسقىغىنە بىرنەچچە ئاي ئىچىدە قوزغىلاڭچى قوشۇن مۇجۇ (ھازىرقى جېجياڭدىكى جيەندې)، خاڭجۇ، شېجۇ (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى شېشيەن ناھىيىسى)، ۋۇجۇ (ھازىرقى جېجياڭدىكى جىنخۇا)، چۈيجۇ (ھازىرقى جېجياڭدىكى چۈيشيەن ناھىيىسى)، چۇجۇ (ھازىرقى جېجياڭدىكى لىشۈي) قاتارلىق ئالتە ئايماق،52 ناھىيىنى ئارقا - ئارقىدىن ئىگىلىدى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى زورىيىپ، ئادىمى100 نەچچە مىڭغا يەتتى.
شەرقىي جەنۇپ دېڭىز بويلىرى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ بايلىق توپلايدىغان ئاساسلىق رايونلىرى ئىدى. بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبتىكى مۇھىم شەھەر خاڭجۇ قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن سۇڭ خۇيزۇڭ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ، ئالدىراپ - تېنەپ ئىشەنچلىك ئادىمى تۇڭ گۇەننى150 مىڭ كىشىلىك مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى. سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى خاڭجۇنى تېزلىكتە قورشىۋالدى، فاڭ لا شەخسەن ئۆزى جەڭگە قوماندانلىق قىلىپ ئۇلارغا قارشى تۇردى. شەھەردە ئاشلىق كەمچىل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەن بىلەن بولغان كۈچ پەرقى بەك زور بولغاچقا، فاڭ لا ئىلاجسىز قوشۇننى باشلاپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ، ئۆز يۇرتى چىڭشىنىڭ باڭيۈەن ئۆڭكۈرى ئەتراپىغا چېكىندى. شۈەنخې3 - يىلى4 - ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بازىسى — چىڭشىدىكى زىتۇڭ ئۆڭكۈرى سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، فاڭ لا ئاتا - بالا قاتارلىق52 نەپەر سەردار ئەسىرگە چۈشتى.8 - ئايدا فاڭ لا مەردلەرچە قۇربان بولدى، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولدى.