ئاساسىي ماشىنا
كومپيۇتېر بىلىملىرى
كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى كومپيۇتېر خىزمىتىنى كونترول قىلىدىغان مەركەز. ئۇ نۇرغۇن قىسىملاردىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساسىي ماشىنا قېپى تىك شەكىللىك ۋە ياتما شەكىللىك بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى يوق. پەقەت قېپىنىڭ ئالدى تەرىپىدە يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ، توك مەنبە كۇنۇپكىسى، قايتا قوزغىتىش كۇنۇپكىسى (REBET)، توك مەنبە كۆرسەتكۈچ چىرىغى، قاتتىق دىسكا كۆرسەتكۈچ چىرىغى قاتارلىقلار بار. ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ كەينى تەرىپىدە ئۇلاش ئېغىزلىرى بولۇپ، بۇلار ئاساسىي ماشىنا بىلەن سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى بىر _ بىرىگە ئۇلايدۇ.
ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئىچىگە ئاساسىي تاختا، كۆرسىتىش كارتىسى، قاتتىق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ، يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، توك مەنبەسى ۋە ھەر خىل كارتىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.