UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرADSL بىلەن بىر نەچچە كومپيۇتېردا ئورتاق تورغا چىقىشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟

ADSL بىلەن بىر نەچچە كومپيۇتېردا ئورتاق تورغا چىقىشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1) ئەگەر ئىككى كومپيۇتېر بولسا، ئاۋۋال تور كارتىسى ئارقىلىق ئىككى كومپيۇتېرنى بىر _ بىرىگە ئۇلاپ، ئاندىن بىر كومپيۇتېرغا يەنە بىر تور كارتىسى سەپلەپ، بۇ تور كارتىسىنى ADSL تېرمىنالىغا ئۇلاپ، ئاندىن ئورتاق تورغا چىقىش يۇمشاق دېتالى (Sygate,WinGate) ئارقىلىق ئورتاق تورغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 2) بىر نەچچە كومپيۇتېر بولسا، ئاۋۋال كومپيۇتېرلارنى ئالماشتۇرغۇچ ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، بىر كومپيۇتېرغا ئورتاق تورغا چىقىش يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ، ئورتاق تورغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 3) ئاۋۋال كومپيۇتېرلارنى يول تاللىغۇچ ئارقىلىق بىر _ بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، ADSL مودىمنى يول تاللىغۇچقا ئۇلاپ، ئورتاق تورغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ھەر قايسى كومپيۇتېرلار مۇستەقىل تورغا چىقالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر