خاتىرە كومپيۇتېر ئارقىلىق سىمسىز تورغا چىقىش.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
خاتىرە كومپيۇتېردا سىمسىز تورغا چىقىش ئۈچۈن ئاۋۋال بىر دانە PCMCIA ئۇلاش ئېغىزلىق GPRS كارتا ۋە بىر دانە GPRS مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان قول تېلېفوننىڭ SIM كارتىسىنى تەييارلاڭ. ئاندىن SIM كارتىسىنى GPRS كارتىسىنىڭ SIM قىستۇرۇش ئوقۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ GPRS كارتىسىنى خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ PCMCIA گە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ يەردىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بېرىپ GPRS مۇلازىمىتىنى ئاچقۇزغاندىن كېيىن سىمسىز تورغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.