UyghurWiki›كومپيۇتېر›ئاۋاز كارتىسى نورمال، بىراق ئاۋاز يوق بولسا، بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ئاۋاز كارتىسى نورمال، بىراق ئاۋاز يوق بولسا، بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
(1) ياڭراتقۇنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك. ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازى بەك تۆۋەنمۇ _ يوق؟ ياڭراتقۇنىڭ توك مەنبەسى ئۇلانغانمۇ؟ ئۇلاش سىمى ساقمۇ (نورمال) دېگەن نۇقتىلارنى ئاۋۋال ئويلىشىش كېرەك.
(2) ئاۋاز كارتىسىغا نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىڭ (كونترول تاختىسىدىكى ئاۋازغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردىن)
(3) ئالدىنقى باسقۇچلاردا ھېچقانداق نورمالسىزلىق بولمىسا، يۇمشاق دېتالدىكى مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ۋىرۇسنى تازىلاڭ. ئاۋاز كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتا قاچىلاڭ ھەم ئاۋاز كارتىسىنى سىناش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئاۋاز كارتىسىنى سىناپ بېقىڭ.
(4) ئاۋاز كارتىسى بىلەن باشقا ئۈسكۈنىلەر توقۇنۇشقان. يېقىندىن بېرى سەپلەنگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئاجرىتىۋېتىپ سىناپ كۆرۈڭ.
(5) ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ ئاۋاز كارتىسىنىڭ قىستۇرۇش ئوقۇرىغا ياخشى ئورۇنلاشقان ياكى ياخشى ئورۇنلاشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ ھەم باشقا قىستۇرۇش ئوقۇرىغا ئالماشتۇرۇڭ.
(6) ئاۋاز كارتىسىنى باشقا كومپيۇتېردا سىناپ كۆرۈڭ، ئەگەر باشقا كومپيۇتېردا نورمال ئىشلىسە ئاساسىي ماشىنا بىلەن ئاۋاز كارتىسى ماسلاشمىغان ياكى ئاۋاز كارتىسى بۇزۇلغان.