UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرEPSON LQ1600K III پرىنتېردا بېسىلغان خەتلەر غۇۋا، رەڭ تەكشى بولمىسا بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

EPSON LQ1600K III پرىنتېردا بېسىلغان خەتلەر غۇۋا، رەڭ تەكشى بولمىسا بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1. پرىنتېر بېشىدىكى يىڭنىنىڭ سۇنغان _ سۇنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ، بېسىپ چىقارغان خەت ياكى رەسىمدە توغرىسىغا بىر ياكى بىر نەچچە ئاق قۇر (سىزىق) پەيدا بولغان بولسا يىڭنىدە مەسىلە كۆرۈلگەن. (1) ئاۋۋال ئۇزۇن يىڭنە ياكى قىسقا يىڭنىنىڭ قايسىسىنىڭ سۇنغانلىقىنى ئېنىقلاڭ. (2) پرىنتېر بېشىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ يىڭنە ئالماشتۇرۇڭ. ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئۇزۇن يىڭنە ئاستىنقى قەۋىتىدىكى قىسقا يىڭنە، ئۇزۇن يىڭنىنى ئالماشتۇرۇش ئاسان بولۇپ، ئاۋۋال سۇنغان يىڭنىنى ئېلىۋېتىپ يېڭى يىڭنىنى ئالماشتۇرساق بولىدۇ، قىسقا يىڭنىنى ئالماشتۇرۇش بىر ئاز ئاۋارىچىلىق ئۇزۇن يىڭنىنى ئېلىپ ئاندىن ئالماشتۇرىمىز. (3) ئالماشتۇرغان يىڭنە بىلەن ئەسلىدىكى ساق يىڭنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى چوقۇم ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئالماشتۇرغان يىڭنە ئۇزۇنراق بولسا قۇم قەغەز بىلەن ئۇزۇنلۇقىنى تەڭشەڭ. 2. پرىنتېرنىڭ ئۇچۇر سىمىنى تەڭشۈرۈڭ. ئۇچۇر سىمىدا مەسىلە بولسا ئالماشتۇرۇڭ، ئەگەر مەسىلە بولمىسا پرىنتېر بېشىنىڭ ئۇچۇر سىمىنى ئۇنىۋېرسال مېتر ئۆلچىگەندە قارشىلىق قىمىتى 29 ئوم بولسا نورمال بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر