UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرقاتتىق دېتال قۇرۇلمىسى

قاتتىق دېتال قۇرۇلمىسى

كومپيۇتېر بىلىملىرى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ ۋاستىلىك مىكرو كومپيۇتېرلار قاتتىق دېتال سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىدىن تۈزۈلگەن. قاتتىق دېتال بولسا كومپيۇتېرنى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق ماددىي ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ماددىي ئاساسى. يۇمشاق دېتال بولسا كومپيۇتېرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىبارەت. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. يۇمشاق دېتال بولمىسا، قاتتىق دېتالنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، قاتتىق دېتال بولمىسا، يۇمشاق دېتال ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. پەقەت بۇ ئىككىسى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلگەندىلا، ئاندىن كومپيۇتېر ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇلايدۇ. كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال سىستېمىسى _ ئاساسى ماشىنا، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى، چىقىرىش ئۈسكۈنىسى، ماگنىتلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى ۋە كۆپ ۋاسىتە ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاتتىق دېتال سىستېمىسىغا باش لىنىيە قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەرقايسى قاتتىق دېتاللارنى باش لىنىيە ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلىنىپ مۇكەممەل قاتتىق دېتال سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر