UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركۆرسىتىش كارتىسى

كۆرسىتىش كارتىسى

كومپيۇتېر بىلىملىرى Display card كۆرسىتىش كارتىسى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى ۋە ئويۇن مەستانىلىرى ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان قاتتىق دېتال، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى _ تۆۋەن بولۇشى، كۆرسىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتىنىڭ ياخشى _ يامان بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، تۆۋەندە كۆرسىتىش كارتىسىغا مۇناسىۋەتلىك پارامتېرلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. 1كۆرسىتىش ئۆزەك پلاستىنكىسىنى (VGA ئۆزەك) ئادەتتە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەڭ چوڭ ئۆزەك پلاستىنكا بولۇپ، كەسپىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك كۆرسىتىش كارتىلىرىغا بىر نەچچە دانە ئۆزەك پلاستىنكا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆزەك پلاستىنكا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىر كۆپ ئىشلىتىۋاتقان كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزەكلىرى nVidia ۋە ATI قاتارلىقلار بار. كۆرسىتىش ساقىلىغۇچى (VIDEO RAM) كۆرسىتىش ساقلىغۇچنىڭ رولى ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇ كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزەك پلاستىنكىسى بىر تەرەپ قىلغان ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا CPU بىر تەرەپ قىلغان ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ، كۆرسىتىش ساقلىغۇچنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشى ۋە سۈپىتى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى _ تۆۋەن بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. VGA basic input/output system)VGA BIOS ) VGA BIOS كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزەك پلاستىنكىسىنىڭ ۋە قوزغىتىش پروگراممىسى ئوتتۇرىسىدىكى كونتروللىغۇچ پروگرامما، مەشغۇلات ئۇچۇرى قاتارلىقلار بولىدۇ، بۇ ئۇچۇرلار زاۋۇت تەرىپىدىن ROM غا قاتۇرۇۋېتىلگەن بولىدۇ، پەقەت Flash Eprom, EEPROM ئىشلىتىلگەن VGABIOS لىرىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، باشقىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كۆرسىتىش كارتىسى | UyghurWiki | UyghurWiki