كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قوزغىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
(1) ئاۋۋال ئاساسىي تاختىنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارنىڭ بار _ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر بولمىسا ئاساسىي تاختىنى ئىشلىگەن زاۋۇتنىڭ تور بېكىتىدىن يېڭى نەشردىكىنى BIOS قا چۈشۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.
(2) بىر قىسىم ئاساسىي تاختىلاردا بۇ خىل ئىقتىدار سىم ئاتلاتقۇچنى تەڭشەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسەن سىم ئاتلاتقۇچنى تەڭشەڭ.
(3) BIOS قا كىرىپ كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق قوزغىتىش ئىقتىدارىنى تېپىڭ.
ئۇنىڭدا ئۈچ تاللاش تۈرى بار. ANY KEY (خالىغان كۇنۇپكا) HOT KEY (قىزىق كۇنۇپكا) PASSWOED (مەخپىي نومۇر) بۇنىڭدىن مۇۋاپىق بىرنى تاللاپ تەڭشىگەندىن كېيىن ساقلاپ چېكىنىڭ.