تور كېلىشىمى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
تور كېلىشىمىنى ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا _ كومپيۇتېر تورىنى بىر جەمئىيەت دېسەك تورىدىكى كومپيۇتېرلار شۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى، جەمئىيەت ئەزالىرى بىر _ بىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى ئۈچۈن چوقۇم بىر ئورتاق تىل ئىشلىتىشى كېرەك. بۇ ئورتاق تىل دەل تور كېلىشىمىدىن ئىبارەت. تېخنىكىلىق تەرەققىيات ۋە تور مۇھىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تور كېلىشىملىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تور كېلىشىملىرىدىن TCP/IP كېلىشىمى، IPX/SPX كېلىشىمى, Net BEUI كېلىشىمى.....قاتارلىقلار بار.
TCP/IP كېلىشىمى: بۇ كېلىشىم كومپيۇتېرنىڭ Internet بىلەن ئۇلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇڭا TCP/IP كېلىشىمى تور كېلىشىملىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئەڭ مۇھىم كېلىشىم. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان نورغۇن يۇمشاق دېتال ۋە ئويۇن پروگراممىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ كېلىشىمنى قوللايدۇ.
IPX/SPX كېلىشىمى : بۇ كېلىشىم Novell شىركىتى ئىشلەپ چىققان Netware كېلىشىمى بولۇپ، پەقەت Netware توردا ئىشلەپلا قالماي، بەلكى يەنە نۇرغۇن ئويۇن پروگراممىلىرىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ TCP/IP كېلىشىمدىن پەرقلىنىدىغان يېرى، بۇ كېلىشىمدە IP ئادرېسى قوللىنىلماي، بەلكى تور كارتىسىنىڭ فىزىكىلىق ئادرېسى (IBM ئادرېسى) قوللىنىلىدۇ.
Net BEUI كېلىشىمى: بۇ كېلىشىمنى IBM شىركىتى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، Windows98 دىن بۇرۇنقى مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا قوللىنىلمىغان. بۇ كېلىشىم قىسمىي دائىرىلىك توردا ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا قىسمىي دائىرىلىك توردا قوللىنالايدۇ ھەم شۇنداقلا قىسمىي دائىرىلىك توردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك تور كېلىشىمى.