UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرUPS ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

UPS ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1. UPS نى كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشمەيدىغان ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇش، ئىندېكتىۋلىق توك ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىسىنى ئۇلىماسلىق. 2. UPS نى ئىشلەتكەندە چوقۇم چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىدىكى كۆرسەتمە بويىچە قىلىش كېرەك. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان UPS نىڭ ئۇلاش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. 3. چوقۇم تەرتىپى بويىچە ئېچىپ ئۆچۈرۈش كېرەك، يۈكنىڭ بىراقلا چوڭ ياكى كىچىكلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. 4. تەكرار ئېچىپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. UPS نى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئاز بولغاندىمۇ 60 سېكۇنتتىن كېيىن ئېچىش كېرەك. 5. يۈكنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، توك ئىشلەتكۈچى ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇۋۋىتى UPS قۇۋۋىتىنىڭ %80 تىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. %60 _ %30 بولسا ئەڭ مۇۋاپىق ھەم بۇنداق شارائىتتا UPS نىڭ رولى تولۇق جارى بولىدۇ. كاشىلا كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر