مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش يېرىملاشقاندا كومپيۇتېرنىڭ قېتىۋېلىشى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1) قاچىلاش ئوپتىك دىسكىسى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ قاچىلاش ئوپتىك دىسكىسىنى ئوقۇيالمىغان. باشقا دىسكا ئىشلىتىڭ.
2) BIOS توغرا تەڭشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن قاتتىق دېتاللار توقۇنۇشۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. BIOS دىن Virus Warning نى Disable, ACPI نى Disable قىلىپ تەڭشەڭ.
3) قاتتىق دېتاللارنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزلىرى ياخشى تېگىشمىگەن. ئوكسىدلىنىپ قالغان ياكى بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن، تەكشۈرۈپ شۇنداق ئەھۋال بولسا تۈزىتىڭ.
4) قاتتىق دېتاللار بىر _ بىرى بىلەن ياخشى ماسلاشمىغان (بولۇپمۇ، ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى، تور كارتىسى قاتارلىقلار) ياخشى ماسلىشىدىغان دېتاللارنى سەپلەڭ.