UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركۆرسىتىش رەڭگى نورمال بولماسلىق.

كۆرسىتىش رەڭگى نورمال بولماسلىق.

كومپيۇتېر بىلىملىرى بۇ خىل كاشىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر: 1. ئېكراننىڭ ئۆزىدىكى كاشىلا. 2. كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن ئېكراننىڭ سىگنالى سىمىنىڭ تۇتىشىشى ياخشى بولماسلىق. 3. كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ بۇزۇلۇشى. 4. بەزى يۇمشاق دېتالنىڭ ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا رەڭ نورمال بولماسلىق، بۇ تولاراق كونا تىپتىكى ماشىنىلاردا بولىدۇ. BIOS دا بۇ بىر رەڭنى تەكشۈرۈپ سىنايدىغان تۈر بولۇپ، ئۇنى ئېچىۋەتسەكلا بولىدۇ. 5. ئېكراننىڭ ماگنىتلىنىشى، بۇ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى بار جىسىمنىڭ ئېكرانغا ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماگنىتلانغاندىن كېيىن ئېكراندىكى كۆرۈنمە يۈز قىيسىيىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كۆرسىتىش كارتىسىدىكى كاشىلا ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر كاشىلا كۆرۈلسە ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەيدۇ. BIOS دىن بىر ئۇزۇن ئىككى قىسقا (تىت) قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ. قاتتىق دىسكىدىن نورمال ئىشلەۋاتقان ئاۋاز چىقىدۇ. ئېكران ئوچۇق، ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىسا ئۇچۇر سىمىنى تەكشۈرۈپ ھەم قايتىدىن مۇقىم ئورنىتىڭ ھەم شۇنداقلا ئۇچۇر سىمى ۋە ئۇچۇر سىمىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزىنى تەكشۈرۈڭ كۆرسىتىش كارتىسى ئاساسىي تاختىغا ياخشى تېگىشمىگەن بولسىمۇ ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەيدۇ، كۆرسىتىش كارتىسىنى قايتىدىن مۇقىملاشتۇرۇپ ئورنىتىڭ. كۆرسىتىش كارتىسىدا كاشىلا كۆپىنچە ئۆزەك پلاستىنكىسى بىلەن كۆرسىتىش ساقلىغۇچتا كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. باشقا كاشىلىلارنى تازىلاش، مۇقىملاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش، قوزغىتىش پروگراممىلىرى، تولۇقلىما پروگرامما ئارقىلىق كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. 6. كۆرسىتىش كارتىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: 1.ئاساسىي ئاپپارات قېپىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشىگە دىققەت قىلىش، بۇ ئارقىلىق كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن سالقىن مۇھىت ھازىرلىشى كېرەك. 2. باشقا كارتىلارنى كۆرسىتىش كارتىسىدىن يىراقراق ئوقۇرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ھەم ئىسسىقلىق تارقىتىشقا ھەم توقۇنۇشۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. 3. بەلگىلىك ۋاقىتتا كۆرسىتىش كارتىسى قىستۇرۇش ۋە ئوقۇرلاردىكى زور مىقداردىكى توپا _ چاڭلارنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. 4. كاشىلىسىز ئەھۋالدا كۆرسىتىش كارتىسىنى خالىغانچە چىقىرىش ۋە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. 5. ئاساسىي ئاپپارات قېپى ئىچىدىكى ھەر خىل سىملارنىڭ كۆرسىتىش كارتىسى شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش _ قىلماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇندىن باشقا يەنە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ سىرتقى ئېلېكتر ماگنىت تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 6. كۆرسىتىش كارتىسى. BIOS دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بەزى دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەشغۇلاتلىرىمۇ كۆرسىتىش كارتىسىدا كاشىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كۆرسىتىش رەڭگى نورمال بولماسلىق. | UyghurWiki | UyghurWiki