Maxtor ماركىلىق قاتتىق دىسكىنى ئىككى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
قاتتىق دىسكىنىڭ نورمال قوزغالماسلىق سەۋەبلىرى بىرقەدەر كۆپ، ئومۇمەن كۆپرەك ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكى تۆت خىل:
(1) توك مەنبە قۇۋۋىتى كىچىك بولسىمۇ، قاتتىق دىسكا نورمال ئىشلىمەيدۇ، قايتا سوغۇق قوزغاتقاندىن كېيىن توك مەنبە مۇقىملىشىپ، قاتتىق دىسكا نورمال ئىشلىگەن بولۇشى مۇمكىن، توك مەنبەنى ئالماشتۇرۇپ سىناڭ.
(2) قاتتىق دىسكىدا يوشۇرۇن كاشىلا بولسىمۇ، تۇنجى قوزغالغاندا نورمال ئىشلىمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۇغۇق قوزغاتقاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سوقۇلغان ياكى سۈركەلگەن ئاۋازنىڭ بار _ يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ، ئەگەر بار بولسا قاتتىق دىسكىنىڭ مېخانىكىلىق قىسمى بۇزۇلغان.
(3) ئاساسىي تاختىنىڭ ماس توك يول قىسىمىدا كاشىلا كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
(4) ئۇزۇن ۋاقىتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قاتتىق دىسكىدا گىئومېترىيىلىك شەكىل ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن بولغان، قاتتىق دىسكىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋىنتىسىنى بوشىتىپ سىناپ كۆرۈڭ ياكى قاتتىق دىسكىنى چىقىرىپ تەكشى جايغا قويۇپ سىناڭ.