كومپيۇتېر قوزغالغاندىن كېيىن ئېكراندا خەتلەر ئېنىق كۆرۈنمەسلىكى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئېكراندا ياكى كۆرسىتىش كارتىسىدا مەسىلە كۆرۈلسە يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
(1) ئاۋۋال كۆرسىتىش كارتىسىدىن بىرنى ئالماشتۇرۇپ كاشىلىنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېنىقلاڭ.
(2) كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئېكراندىكى خەتلەر ئېنىق كۆرۈنسە ئېنىقكى كۆرسىتىش كارتىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن. كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قىستۇرۇش ئوقۇرى بىلەن تۇتىشىدىان قىسمى يىرىك رەخت ياكى قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۆچۈرگۈچى بىلەن پاكىز تازىلاپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ سىناپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ شامالدۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى كۆرسىتىش ساقىغۇچىنى ئالماشتۇرسىڭىز ھەل بولىدۇ.
(3) مەسىلە ئېكراندا بولسا، ئېكران بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىنى تۇتاشتۇرغان كابىلنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىسا ئېكراننى كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.