ئوپتىك دىسكىنىڭ تۈرلىرى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1. سىغىم جەھەتتىن بۆلۈنۈشى
ئوپتىك دىسكىنى سىغىم جەھەتتىن تۆت تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. 650 مىگا بايىتلىق، 700 مىگا بايىتلىق. بۇ ئىككى خىل ئوپتىك دىسكىغا ئادەتتىكى ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ ئارقىلىق ئۇچۇر ئويالايدۇ. يەنە 800 مىگا بايىت ۋە 900 مىگا بايىتلىق بۇ ئىككى خىل ئوپتىك دىسكىغا ئۇچۇر ئويۇش، ئوپتىك دىسكا ئويغۇچنىڭ ئۆزىدىكى ئېلېكترونلۇق ئورۇن توغرىلاش ئىقتىدارىغا باغلىق.
2. رەڭ جەھەتتىن بۆلۈنۈشى
ئوپتىك دىسكا رەڭ قەۋىتىگە ئىشلىتىلگەن، رەڭنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يېشىل، ئالتۇن رەڭ ۋە كۆك رەڭلىك بولىدۇ.
يېشىل رەڭلىك دىسكا: ئەڭ بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان ئوپتىك دىسكا بولۇپ، ھەر قانداق ئويغۇچ تېز سۈرئەتتە ئويۇش ئېلىپ بارالايدۇ، لېكىن تەڭگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى ئالاھىدە يۇقىرى بولغاچقا، كۈچلۈك نۇر ئاستىدا خىمىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، دىسكا ئاسان كېرەكتىن چىقىدۇ. يېشىل دىسكىنىڭ يەنە سۇس ۋە توق يېشىل رەڭدىكىلىرى بار.
ئالتۇن رەڭ دىسكا: مۇقىملىقى نىسبەتەن يۇقىرى، كۈچلۈك نۇرغا سەزگۈر ئەمەس،تەجرىبە نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل دىسكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمۈرى 100 يىلدىن ئاشىدۇ.
كۆك رەڭ دىسكا: بۇ خىل دىسكىنىڭ باھاسى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، ساقلاش مۇددىتى يۇقىرى، دىسكا يۈزىدە سىزىلىپ كېتىشتىن ساقلاش قەۋىتى بار.
باشقا رەڭلىك دىسكىلار: قىزىل، سېرىق ۋە باشقا رەڭلىك دىسكىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دىسكىلارغا بىر قەۋەت رەڭ سۈرتۈپ قويۇلغان بولماستىن، رەڭ پۈتۈنلەي سىڭدۈرۈۋېتىلگەن، ئۇچۇر ساقلاش مۇددىتىمۇ خېلى يۇقىرى.
3. شەكىل جەھەتتىن بۆلۈنۈشى
ئادەتتىكى ئوپتىك دىسكا: دىئامېتىرى 120 مىللىمېتر، قېلىنلىقى 1.2 مىللىمېتر، ئورگانىك رەڭلەرنى ساقلاش قەۋىتى قىلىپ ئىشلەنگەن.
كىچىك ئوپتىك دىسكا دىئامتېرى 77 مىللىمېتر، سىغىمى 200 مىگا بايىت، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئالاھىدە ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.