ئېكراننى يېنىك دەرىجىدە تىترەش ھادىسىسى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1. ئېكراننى باشقا كومپيۇتېردا سىناپ كۆرۈڭ، ئەگەر نورمال ئىشلىمىسە كۆرسىتىش كارتىسىدىكى مەسىلە.
2. كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئاساسىي تاختا بىلەن ئۇلىنىدىغان قىسىمى ۋە كارتا يۈزىدىكى توك يوللىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشى ۋە چاڭ _ توزان سەۋەبىدىن يۇقىرىقى ھادىسە كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى شارائىتتا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
كۆرسىتىش كارتىسى چىقىرىپ كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئاساسىي تاختا بىلەن ئۇلىنىدىغان يېرىنى قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۆچۈرگۈچى بىلەن تازىلاڭ. كارتا يۈزىدىكى چاڭ _ توزانلارنى چوتكا بىلەن پاكىز تازىلاپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرسىڭىز نورماللىشىدۇ.